شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن قىزىل 4- ليەن»دىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى ئىلھاملاندۇردى
ماھارەتتە كامالەتكە يېتىپ ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ليەندۈي قۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىش، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن قىزىل 4- ليەن»دىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى ھەم 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارغا سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: 2014- يىلى، مەن ئالايىتەن ليەندۈيگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەنىدىم. 10 يىلدىن بۇيان، سىلەر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ماھارەتتە كامالەتكە يېتىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، زىممەڭلەردىكى ۋەزىپىنى قالتىس ئورۇنداپ، نۇرغۇن يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۈڭلار،مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال. سىلەر ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇۋاتىسىلەر، مەسئۇلىيىتىڭلار ئېغىر، بۇرچۇڭلار شەرەپلىك. سىلەرنىڭ ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ليەن قۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەپ، بۇرچ، ۋەزىپىگە زىچ يېقىنلىشىپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ماھارەتتە كامالەتكە يېتىپ ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ليەندۈي قۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىشىڭلارنى، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن قىزىل 4- ليەن» تارىخىي ۋەزىنگە ئىگە، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك قىزىل ئارمىيە ليەندۈيى بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن خۇاڭما قوزغىلىڭى، كېچىدە ياڭمىڭباۋغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى، مېڭلياڭگۇ ئۇرۇشى، چاڭجىنخۇ ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ 100 نەچچە قېتىم جەڭ قىلىپ، بىر تۈركۈم قەھرىمان نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلگەن. 2014- يىلى 7- ئايدا، شى جىنپىڭ ليەندۈيگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. 10 يىلدىن بۇيان، بۇ ليەن شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ماھارەتتە كامالەتكە يېتىشتە ئۈلگە بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم مانېۋىر، مەشىق قاتارلىق ۋەزىپىلەردە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، بىر قېتىم كوللېكتىپ 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن قىزىل 4- ليەن» دەپ شەرەپلىك نام بېرىلدى، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» بولۇپ تەقدىرلەندى. يېقىندا، پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر شى جۇشىغا خەت يېزىپ، ليەندۈينىڭ قۇرۇلۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتىكى قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)