پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى
21:19:07 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى 

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك  

ما شىڭرۇي لېكسىيە دوكلاتى بەردى

 ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ جۇ قاتناشتى

7- ئاينىڭ 13- كۈنى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي دوكلاتىدا ئومۇمىي يىغىن باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق چۈشەندۈردى ھەم ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار» ھەم پارتىيە 81- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، ھەم يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى بولۇپ، پارتىيە تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن دوكلاتى ۋە قىلغان مۇھىم سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر، چىقىرىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، بۇ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ «پىروگرامما»سى، جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇپ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن باش تېمىسىنىڭ بېكىتىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى ئىكەنلىكىنى، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يەتتىنى نىشانلاش»نىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئالتە مۇقەررەر تەلەپ» ۋە «تۆت جىددىي ئېھتىياج»نى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشنى ساقلىشى، سىجىل چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەش، باھالاش ۋە «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كەم- كوتسىز، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان پايدىلىق تۈزۈلمە- مېخانىزمنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىش كېرەك؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر- يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى بىلەن تور ئاممىۋى پىكرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىدىن ھەممە كىشىنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا، ئۇنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، مۇھىم ۋەزىپە، نۇقتىلىق خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز) غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بورتالا، قاراماي، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئورگان، كارخانا، كوچا باشقارمىسى، چېگرا پورتى، تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا ئومۇمىي يىغىن روھى توغرىسىدا چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىللە، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىن روھىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125