شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى- زاپاس ھەربىيلەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر:
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمىز ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمىز!
بىر قۇدرەتلىك ئارمىيە بولمىسا، قۇدرەتلىك ۋەتەننىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. 1927- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، نەنچاڭ شەھەر سېپىلىدا مىلتىق ئاۋازى ياڭراپ، كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتكەن چاقماققا ئوخشاش جۇڭگو خەلقىگە زۇلمەت ئىچىدە ئىنقىلابنىڭ ئۈمىدىنى، ئوڭۇشسىز شارائىتتا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى كۆرسەتتى. شۇ چاغدىن باشلاپ، خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇرۇش ئىس- تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يول بويى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئارقا- ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەرنى ياراتتى، ئۇ، قىزىل ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان، مىللەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇشقا ھەقىقىي مۇناسىپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشقا ھەقىقىي مۇناسىپ. 97 يىللىق قاينام- تاشقىنلىققا تولغان يىللاردا، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇلۇش قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، يىمىرىلمەس پولات سېپىل بەرپا قىلدى.
ئېتىقاد نۇرى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىنى يورۇتتى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ قۇرۇلۇشنى تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى نىشانلاپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ مەشىقنى تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. كەڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال ئاتلىنىپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتنىشىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خەلقنى سۆيۈش سەمىمىي ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى چېگرا رايونلاردا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئارمىيە بىلەن خەلق بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن» بولغان دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى. كەڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئۈن- تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاغرىنماي، ئۆكۈنمەي، ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببىتى ئارقىلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى گازارمىدا تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قۇربان بېرىش، ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەر ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ غېمىنى يەيدىغان، دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەربىيلەر خىسلىتىنى ساقلىدى. بۇ يەردە، سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!
ئارمىيە كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا خەلق خاتىرجەم بولىدۇ. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋىتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ۋە ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قىسىملارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى شان- شەرەپ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەربىيلەر، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز.
كۈرەش قىلىش مۆجىزە يارىتىدۇ، كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!
يولداشلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلەڭلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى
4220- يىل 7- ئاينىڭ 13- كۈنى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)