​ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەش
10:37:10 2024-08-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەش

− پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى توغرىسىدا خاتىرە

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

 تومۇز يازدا، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

 بۇ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنىڭ بىر قېتىملىق كۈچلۈك مۇجەسسەملىنىشى − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

 بۇ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنىڭ يەنە بىر قېتىم ۋاقتىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى − شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۇنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 بۇ، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدىكى بىر قېتىملىق كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك − شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھام بەردى ۋە يېتەكلىدى.

 سەھنىدە سۆزلەر جاراڭلىق بولدى، سەھنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كىشىلەر پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. يىغىنغا قاتناشقانلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاچ، ئۈستەلگە ئېڭىشىپ خاتىرە قالدۇردى، پۈتۈن زېھنى بىلەن پىكىر يۈرگۈزدى.

 «بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن».

 «يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى».

 «دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق ۋە تەربىيەگە ئىگە بولدۇق. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىرنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك».

 ...

 بىر يېرىم سائەتلىك دوكلات يىغىنى كۆپچىلىكنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا، شۇنداقلا كونكرېت ئەمەلىي يېتەكچىلىككە ئىگە قىلدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىگىلىشى تېخىمۇ ئەتراپلىق، چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىكى يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى.

 «لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ(شۆيۈەن) مۇدىرى لى يەن مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتتا يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەتقىق قىلىپ، ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پارتىيە مەكتىپى كۈچىنى قوشىمىز.

 «ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ما ليەنشيا مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمىز.

 بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ. ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى دەۋر ياشلىرىنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا.

 «ياش پارتىيە ئەزاسى، ماركسىزملىق نەزەرىيە پېنىنى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى دەل جايىدا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ياشلارغا خاس قىممىتىم ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق ياشلىق باھارىمنى پۈتۈپ چىقىمەن» دېدى شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى گۈزەلنۇر يۈسۈپ.

 ئىدىيە يۇغۇرۇلماقتا، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەنمەكتە، كۈچ يەتكۈزۈلمەكتە. يېڭى مۇساپىدە، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125