ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى باشتىن- ئاخىرغىچە ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز
10:41:43 2024-08-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى باشتىن- ئاخىرغىچە ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز

− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغىدى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلامچى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى باشتىن- ئاخىرغىچە ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

 خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا كۈچەيمىز

 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «قارار»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى، تۆۋەنگە يۈزلىنىشى ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ جايلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەر داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش- كۈتۈنۈش، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى، بولۇپمۇ دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك.

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇلغان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

 خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەيمىز

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، بېكىتىلگەن ئىككى تېببىي دورا ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە بىرتۇتاش پىلانلاپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «1 + 3 + N» كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ مەنپەئەتلىنىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپا مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. «ئىككى مەھسۇلات، بىر ئۈسكۈنە»نىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دورا بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دورا بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى ھەر تەرەپلىمە مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى، مىللەتلەر تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭيى دورا ياسالمىلىرىنىڭ يېڭى دورىغا ئايلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. خاس بايلىق ئېچىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئات مېيى، جىگدە يېلىمى قاتارلىق يېڭى خام ماتېرىياللارنى ئەنگە ئالدۇرۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

 خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرىمىز

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مونوپول قىلىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ئادىل رىقابەت تەرتىپىنى قوغداپ، «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئالاھىدە ئۈسكۈنە»نىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلاپ، ئۆلچەم يېتەكچىلىكى ۋە سۈپەت تىرىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوللىنىش، قوغداش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، زور ئىستراتېگىيە، زور تەدبىرلەرنى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتى زاپىسى ۋە ئىسلاھات يىرىك پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش- ياردەم قىلىش، بالىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالىتى ۋە غەمخورلۇق مۇلازىمىتى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش، خەيرىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كەيپىياتى ئارقىلىق خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر بى شياۋلۇ مۇنداق بىلدۈردى: نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، بارلىق خادىملارنى كۆپ خىل شەكىلدە، قاتلام- دەرىجە بويىچە، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان تەربىيەلەشكە ئويۇشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

 (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ شىيا، جاۋ چۇنخۇا، رېن چۇنشياڭ، لى لىن، سو رۇڭجى، رېن خۇا)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125