شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ ياڭ، جوۋ شىن) پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقە مەيدانىدا 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تۆت تۈر بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ماھىرى جاڭ يۈفېي بەدىنى بىئارام بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئاياللارنىڭ 200 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش تۈرىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالغان 7- مېدالى.
8- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو ماھىرى جاڭ يۈفېي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دۇ يۈ فوتوسى)
ئاياللارنىڭ 200 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، كانادالىق «تالانتلىق قىز» مەكىنتوش 2 مىنۇت 03 سېكۇنت 03 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن يېڭى ئولىمپىك رېكورتىنى يارىتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئىككىنچى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا ماھىرى رېگان شىمىس بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
7- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى جاڭ يۈفېيدا تۆۋەن قىزىتما كۆرۈلدى، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى ، ئۇ بەدىنىنىڭ بىئارام بولۇشىغا قارىماي مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئاخىرىدا 3- بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3- مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن يەتتە ئولىمپىك مېدالىغا ئېرىشىپ سۈن ياڭ(ئالتە مېدال)دىن ئېشىپ، ئولىمپىك مېدالى ئەڭ كۆپ جۇڭگولۇق سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالدى.
8- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو ماھىرى جاڭ يۈفېي مۇسابىقىدە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيا يىفاڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)