يېقىندا، بىر شىنجاڭلىق قىز توردا ئۆزىنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشقان كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، سىندا، قىز ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەن نۇرغۇن كىشى بىلەن بىرلىكتە، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ئەزىمەتلەرگە مەدەت بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىللىيچە كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، يۇرتۇمغا ۋاكالىتەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئەڭ گۈزەل قىياپىتىمنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە نامايان قىلىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنى تونۇشتۇرالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن».
(سىن مەنبەسى:ZUELL(Almire) @ دوۋيىن نومۇرى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)