ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
19:47:20 2024-08-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە 7- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 16- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلىشى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىشى، ھۆكۈم قىلىشى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كۆزىتىش- ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يامغۇر ۋە كەلكۈن ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق دەريا، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، تاغلىق رايونلار، كەلكۈن ئاسان يۈزبېرىدىغان رايونلاردىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈشى كېرەك. دىققەتنى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسى ۋە كۈچىنى تىرىشىپ كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدىن ساقلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش- باشقۇرۇش ۋە تەھلىل قىلىش- ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر جەھەتتە ئالاقىلىشىش، خىزمەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش، خەتەرلىك رايوندىكى خادىملارنى يۆتكەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملاش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، نېفىت- تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش-  ئېچىش ۋە كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك؛ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى سىجىل قوزغىتىش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق تاشقى سودىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق قاتلام- دەرىجە، نۇقتىلىق تارماقلارغا چىڭ قادىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي تۆھپە قوشىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان خىزمەت يۆنىلىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارنى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەر توغرىسىدا پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن قىزىل 4- ليەن»دىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا زىممىسىگە ئالغان مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ئېنىق تونۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە- يەرلىك بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە خىزمەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ چېگرادا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى، چېگرانىڭ تىنچلىقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەشنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە شىنجاڭدا قېپقالغان جەڭچىلەر خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش- كاپالەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەش- باشقۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئورگىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى سىجىل پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش، سىستېمىلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، پائال نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي غەمخورلۇق سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلاش پىرىنسىپى، تەتبىقلاش ئەھۋالى، تەتبىقلاش قائىدىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 يىغىندا مەركەزنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئېرىشكەن نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشقا ئىزچىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125