ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
20:03:34 2024-08-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى 

 ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆزقىلدى

 ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلغان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېمىسى زىچ چۆرىدىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما. ئومۇمىي يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر، چىقىرىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ- مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدى. ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيەۋى قاراش، نىشان- پىرىنسىپ، تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ، ئىجادىي، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەم پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، ھەم يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق، ئىنتايىن جاپالىق، ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، بىزگە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا «ئىككىنى تىكلەش» ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر چوڭقۇر بايان قىلىنغان، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. ئومۇمىي يىغىن قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «قارار»دا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، نېگىزلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلگەن، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت، ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈشتە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، «قارار»دىكى تەلەپكە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مىللەت- دىن ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈزۈم سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 چېن مىڭگو، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125