ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاتاخايېف بىلەن كۆرۈشتى
18:46:04 2024-08-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاتاخايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئەمەلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- تۈركمەنىستان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلدى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئاتاخايېفنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە دۆلىتىڭلار زۇڭتۇڭى جۇڭگو- تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىلدى، بۇلتۇردىن بۇيان ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. مۇئاۋىن زۇڭلى جانابلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇقەررەر ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ. ئېچىۋېتىش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. ئالدىنقى ئايدا غەلىبىلىك ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كونكرېت ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلدى. شىنجاڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلدى. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىڭلار بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستانە ئالاقە ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىنى مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇرۇقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىمىيەت، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

 ئاتاخايېف مۇنداق بىلدۈردى: تۈركمەنىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنى زىچ باغلىغان. ھازىر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى ھەم يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز، ئېنېرگىيە، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. يېزا ئىگىلىكى تۈركمەنىستاننىڭ تۈۋرۈك كەسپى، تۈركمەنىستان تەرەپ يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئىلغار تەجرىبىلىرى ۋە ياخشى نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي سورت يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ۋە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە مۇناسىۋەتتە يېڭى قەدەم تاشلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، مەردان مۇقىيىت، ليۇ شىنجيەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125