بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ ئاياللار يەككە ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى چېن مېڭ سەپدىشى سۈن يىڭشانى يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەنە چېمپىيون بولۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن 14- ئالتۇن مېدالى ھېسابلىنىدۇ.
سۈن يىڭشا بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ ئارىلاش جۈپ ئويناش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
چېن مېڭ
سۈن يىڭشا
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)