شۇ جاي ۋاقتى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ ئەرلەر يەككە ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جەنۇبىي پارىژ ماھارەت مەيدانىنىڭ 4- نومۇرلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى فەن جېندۇڭ شۋېتسىيە كوماندىسى ماھىرى مورې گاردنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا تىكتاك توپ مۇنبىرىدىكى «تۆت چوڭ مۇسابىقە»نىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن 11- ماھىر بولۇپ قالدى. بۇ، جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە ئۇدا 5- قېتىم چېمپىيون بولۇشى، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن 3- ئالتۇن مېدالى ھېسابلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)