پارىژ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گىمناستىكا ئەرلەر ئاسما ھالقا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بېرسى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، جۇڭگو ماھىرى ليۇ ياڭ 15.300 نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدى. جۇڭگو ماھىرى زوۋ جىڭيۈەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. جۇڭگو گىمناستىكا كوماندىسى بۇ تۈردە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولدى!
بۇ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گىمناستىكا تۈرىدە ئېرىشكەن تۇنجى ئالتۇن مېدالى بولۇپ، ليۇ ياڭمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئەرلەرنىڭ ئاسما ھالقا تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئۈچىنچى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.
ليۇ ياڭ
زوۋ جىڭيۈەن
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)