ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2- نۆۋەتلىك شەھەر سەنئەت بايرىمى باشلاندى
12:45:12 2024-08-05 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 140 مەيدان ھەمتۈرتكە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ

8- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتىس مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) 2- نۆۋەتلىك شەھەر سەنئەت بايرىمىدا، مودېللار «ئەتلەس & شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مودا كىيىملىرىنى كۆرسەتمەكتە.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى)

 100دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەسىرى، 140 مەيدان ھەمتۈرتكە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى... ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتىس مال سېتىۋېلىش مەيدانى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2- نۆۋەتلىك شەھەر سەنئەت بايرىمى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى داغدۇغىلىق باشلاندى.

 باشلىنىش مۇراسىمىدا گۇجېڭ بىلەن ئورۇنلانغان لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، قەدىمىي يىپەك يولى مەدەنىيىتى سەھنىدە نامايان بولۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇردى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا ئوينالغان ئۇسسۇلنى ئىشلىگۈچى ۋاڭ شېنجو ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى كۈسەن تاش غار سەنئىتى نامايان قىلىنغان «كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇلى»نى سەنئەت بايرىمىغا ئېلىپ كەلدى، ئۇسسۇلچىلار شايىلارنى يېنىك لەپىلدىتىپ، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان، مىڭ يىلدىن ھالقىغان رومانتىك تاسادىپىي ئۇچرىشىشنى نامايان قىلدى.

 گۈزەل ئەتلەس كىيىملەر كۆرگەزمە مەيدانىغا كىردى، شىنجاڭ كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچى سۈن شيۇچىن يىپەك يولى مەدەنىيەت خاسلىقىدىكى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز»، «ئەتلەس» يۈرۈشلۈك كىيىم ـ كېچەك ئەسەرلىرىنى يۇغۇرۇپ تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى، رەڭگارەڭ، جەلپكارلىقى كۈچلۈك خاس كىيىم- كېچەكلەرگە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش يۈكلەندى، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى رەڭلىك كىيىملەرنىڭ ئارقىسىدىكى مەدەنىيەت ھېكايىسى قايتا نامايان قىلىندى.

 11 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى ۋە قول ھۈنەرۋەنمۇ بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەسەرلىرى ئارقىلىق قەلبىنى ئىپادىلەپ، خاس ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق سەنئەت سېزىمىنى يەتكۈزدى.

 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۈجمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش ھۈنىرىدە شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەنئەنىۋى قەغەز ياساش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھېكايىسى خاتىرىلەنگەن. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولغان ئۈجمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېڭەيتكۈچى ۋېي باۋشەن ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىگە ھۆسنخەت يازدى.

 بۇ نۆۋەتلىك شەھەر سەنئەت بايرىمى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. «يىپەك يولى سەنئىتى» پۈتۈن ئايغا سىڭدۈرۈلگەن ئالاھىدە ئويۇن قويۇش بۆلىكى بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆزئارا ھېس قىلىش تۈرىدىن باشقا، يەنە رۇس ئۇسلۇبىدىكى ئۇسسۇل، ئاككوردىيون ئويۇنى ھەمدە 12 مۇقام، تېرە قونچاق ئويۇنى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، تېخىمۇ مۇھىمى سەنئەت بازىرى قاتارلىق ئېسىل ھالقىلار بار.

 ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتىس مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ خەيبو مۇنداق دېدى: شەھەر سەنئەت بايرىمىغا نۇرغۇن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى تەكلىپ قىلىنىپ، شەھەر ئىچىدە ئىللىقلىققا تولغان سودا ئاممىۋى سەنئەت بوشلۇقى ئورتاق بەرپا قىلىندى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى يەرلىك ياش سەنئەتكارلارغا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ھەمبەھرىلىنىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىلدى. كۆرگەزمە ھالقىسىدا چۆكۈش شەكلىدىكى ھەمتۈرتكە مەنزىرىسى بەرپا قىلىنىپ، بازار ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەنئەتنى يېقىن ئارىلىقتا تاماشا قىلىش، سەنئەت بىلەن ئۇچرىشىش، سەنئەتكە قاتنىشىشتەك يېڭى تەسىرات ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125