نۇرغۇن ساياھەتچى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كېلىپ يازلىق ساياھەت ھوزۇرىنى ھېس قىلىاتقاندا، تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭلىقلار ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئامراق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ فىرانسىيەنىڭ پارىژدا نامايان بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلەرگە مەدەت بەردى.
فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى رولان . گاروس تەنتەربىيە مەيدانى ئەتراپىغا توختىتىپ قويۇلغان شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىل. سۈرەتنى شياۋخۇڭشۇ سۇپىسىدىكى تورداش دوۋماجى Paris تارتقان
نۇرغۇن تورداش سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن بەس- بەستە تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇردى. «ئىزچىل ھالدا ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندىلا چەت ئەلگە چىققىلى بولىدۇ، دەپ بىلەتتىم، شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى پارىژدا نامايان بولغاندا، بىزدە پارىژ دۆلەت ئىچىدە ئىكەن دەيدىغان خاتا تۇيغۇ پەيدا بولدى».
فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى رولان . گاروس تەنتەربىيە مەيدانى ئەتراپىغا توختىتىپ قويۇلغان شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىل. سۈرەتنى شياۋخۇڭشۇ سۇپىسىدىكى تورداش دوۋماجى Paris تارتقان
ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى بىلەن فىرانسىيە پارىژنىڭ تۈز سىزىق ئارىلىقى تەخمىنەن 6200 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ، بېيجىڭ بىلەن شاڭخەي ئارىلىقىدا تەخمىنەن ئۈچ قېتىم بېرىپ- كەلگەنگە باراۋەر. گاۋدې خەرىتىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىكى ئومۇمىي مۇساپە تەخمىنەن 7435 كىلومېتىر بولۇپ، كېتىدىغان ۋاقىت 72 سائەت ئەتراپىدا ئىكەن. ئەمەلىي ئارىلىق 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىشى مۇمكىن بولۇپ، كونكرېت مۇساپە تاللىغان كونكرېت يول تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
گاۋدې خەرىتىسى كەسمە سۈرىتى
ھەممىسى يەر شارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر كىچىك ئاپتوموبىلغا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارزۇدىكىدەك جايغا بولغان تەلپۈنۈشى مۇجەسسەملەنگەن.
تورداش پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىكتاك توپ سارىيى سىرتىدا توختىتىپ قويۇلغان شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىلنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. سۈرەتنى شياۋخۇڭشۇ سۇپىسىدىكى تورداش purlpurl تارتقان
مەنبە: تورداش @purlpurl، تورداش دوۋماجى Paris، گاۋدې خەرىتىسىدىن ئومۇملاشتۇرۇلدى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)