ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تارماقلىرى يۇقىرى سۈپەتتە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا چىڭ باغلاپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇسۇلدا- چارىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىدە ۋاقىت يېرىمدىن ئاشقاندا ۋەزىپىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئورۇنلاش ئەمەلگە ئاشتى.