پارىژ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتە، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماھارەت گىمناستىكىسى تۈرى بويىچە ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقە كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر بېرسى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئەرلەرنىڭ قوش تورنىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، جۇڭگو ماھىرى زوۋ جىڭيۈەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدى. بۇ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گىمناستىكا تۈرىدىكى ئىككىنچى ئالتۇن مېدالى، شۇنداقلا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ قوش تورنىك مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن بەشىنچى ئالتۇن مېدالى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا بۇ تۈردە ئالتۇن مېدالغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ قالدى. زوۋ جىڭيۈەن لى شياۋپېڭدىن كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قوش تورنىك مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىككىنچى جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچى، شۇنداقلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا بۇ تۈردە چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان ئىككىنچى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)