يېقىندا، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ ئاياللار يەككە ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئامما بىر تورداشنىڭ ۋېيبو سۇپىسىدا تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تىرېنېرلارنى ھاقارەتلەيدىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، ساقچى تەرەپ دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جىنايەت گۇماندارى خې XX (ئايال، 29 ياش)نى قولغا چۈشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئايالنىڭ يامان نىيەتتە ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلارنى ئوچۇقتىن- ئوچۇق ھاقارەتلەپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان. ھازىر داشىڭ گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى خې XXنى قانۇنغا ئاساسەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)