شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 8- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شيا لياڭ، جوۋ شىن، چېن جۈنشيا) 996.1389 نومۇر! شەكىل چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدىكى قىزلار بىر- بىرىنى قۇچاقلىشىپ، خۇشاللىق يېشى تۆكتى.
بۇ، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شەكىل چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش تۈرىدە بارلىققا كەلگەن تۇنجى ئالتۇن مېدال، شۇنداقلا جۇڭگو شەكىل چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن تۇنجى ئالتۇن مېدالى.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىققاندىن تارتىپ، لوندون، رىئودې ژانېيرو ۋە دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ نۆۋەت كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكىچە، جۇڭگو شەكىل چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدىكى قىزلار ئاخىر پارىژ سۇ ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە جۇلالىنىپ، تارىخ ياراتتى.
8- ئاينىڭ 7- كۈنى، چېمپىيون بولغان جۇڭگو كوماندىسى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۆ يۈگې فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)