جۇڭگو ئاياللار دوگۇر توپ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى
17:46:00 2024-08-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بېيجىڭ ۋاقتى 8- چېسلا سەھەردە، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار دوگۇر توپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسى دائىملىق ۋاقىتتا 1: 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 23 مېتىرلىق نۇقتا توپ مۇسابىقىسىدە، دەسلەپتە ئارقىدا قالغان جۇڭگو كوماندىسى كېيىن كۈچەپ، ئىككىگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى!

 بۇ، جۇڭگو ئاياللار دوگۇر توپ كوماندىسىنىڭ 2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. 16 يىل ئىلگىرى جۇڭگو ئاياللار دوگۇر توپ كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقانىدى، جۇڭگو ئاياللار دوگۇر توپ كوماندىسى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى.

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار دوگۇر توپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ نۇقتا توپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، 16 يىلدىن كېيىن يەنە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

 چوماق توپ ئاياللار ئالتۇن مېدال مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 10- چېسلا سەھەر سائەت 2دە ئېلىپ بېرىلىدۇ، جۇڭگو كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ئالتۇن مېدالنى تالىشىدۇ، جۇڭگو ئاياللار چوماق توپ كوماندىسى غەيرەت قىلىڭلار!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125