ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جيا چۇنشيا) 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، «ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ، ئورتاق ئارزۇ ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شادلىققا چۆمگەن تۇپراق جۇڭخۇانى نۇرلاندۇردى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان نامى «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى» ئىكەن.
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا فوتوسى
بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە، خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرىنى تاللاش، كۆرەك قىلىش، سەييارە ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مول مەزمۇنلۇق خەلق ئىچى سەنئىتى شەكىل ھالىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنىدۇ. باشلىنىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، تەشكىلىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر سەھنە تىياتىرلىرىنى شىنجاڭغا ئاپىرىپ ئويۇن قويۇشقا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەيدۇ، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئالاقىدار مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ساياھەت مەنزىرە رايونى لىنىيەلىرىنى كېڭەيتىش، يېمەك- ئىچمەك بازىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)