«ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلاش» پىسخىكىسىنى دەۋر جىددىي ئېقىنىغا تاشلىۋېتىش كېرەك
شىن شىجيەن
ئالدىراش يۈرۈشۈۋاتقان ئايرودۇرۇملار، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ساياھەتچىلەر، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ تېز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تاشقى سودا، كەينى- كەينىدىن كېلىۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىلار، يەنە جانلىنىپ كۆزنى چاقنىتىۋاتقان ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى... شىنجاڭدىكى «قاينام- تاشقىنلىق» دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەتتا بەزىلەر، بۈگۈنكى شىنجاڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى گۇاڭدۇڭغا، 90- يىللىرىدىكى شاڭخەيگە ئوخشايدۇ، دېيىشتى. ئالتۇن پەيتنى قولدىن بەرمەي، دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتايلى! ھازىر، شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دەۋر دولقۇنى شۇنچە مەۋج ئۇرۇۋاتسىمۇ، بىر قىسىم كادىرلار يەنىلا ئوڭدىسىدا ياتماقتا، بۇنى ئەينى يىللاردىكى گۇاڭدۇڭ، شاڭخەيدىكى كادىرلارنىڭ «ئىش تالىشىشلىرى»، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ روھى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەگەر ئۇلارنى تەسۋىرلىسەك، ئومۇمەن مۇنداق بولىدۇ: سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقى كەمچىل، ھە دېسىلا «سىز مېنى قانداق قىل دېسىڭىز، شۇنداق قىلىمەن» دەيدۇ؛ ئاغزىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، قەغەز يۈزىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دېدىم»نى «قىلدىم» دەپ قارايدۇ؛ ئىش قىلغاندا «ئىز قالدۇرۇش»نىلا ئويلايدۇ، ئەپلەپ- سەپلەپ ئىش قىلىدۇ، «قىلىش»نىلا بىلىدۇ، «ياخشى قىلىش» بىلەن كارى يوق؛ يىغىننى كۆپ، ئۇزاق ئاچىدۇ، مۇزاكىرە قىلىدۇ ئەمما قارار قىلمايدۇ؛ ماشىنىغا ئوخشاش ئۆلۈك ئىش قىلىدۇ، ئۆز دائىرىسىدىكى ئىشنىلا باشقۇرىدۇ، ھەمكارلىشىش ئېڭى كەمچىل... ئاخىرىدا، قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كېتىدۇ، لېكىن ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، «ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلاش» پىسخىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.
«مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش» تۆۋەن چەك، ئەمما بەزى كادىرلارنىڭ تونۇشىدا ئەڭ يۇقىرى پەللە بولۇپ قالدى، ئۇنى خىزمەتنىڭ ئۆلچىمى دەپ بىلىپ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئۆزىنى قاچۇرغىدەك بولسىلا قاچۇرىدۇ، بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدۇ، دۆڭگەيدۇ، مەسىلىگە يۈزەكى مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا مۇنداق غەلىتە ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ: قارىماققا ھەممىسى ئالدىراش، ماھىيەتلىك لوگىكا بولسا «سىز بۇ ئىشنى قىلىشقا مېنى بۇيرۇغان» «مەن سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بويىچە قىلدىم» «خاتىرە ئىسپات بولالايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قىلغانلىقىمنى بىلىدۇ»... ئاخىرىدا، «خاتالىق كۆرۈلسە، مەسئۇلىيەت مەندە ئەمەس» دېيىشىدۇ.
مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى قىلچە ئويلىمايدىغان بۇنداق روھىي ھالەت بىلەن ئىشلارنى قانداقمۇ ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولسۇن؟
كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى ھەم سىياسىي پەزىلەت، ھەم ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتىكى مەسئۇلىيەت. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «قانداق قىلىپ باشتىن- ئاخىر ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىنى ساقلاش»نى چوڭ پارتىيە جەزمەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە قىيىن مەسىلىنىڭ بىرى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان ئومۇمىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلىدى. «سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل.» پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى روشەن تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، پاك- دۇرۇس كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، كادىرلاردىكى قالايمىقان ئىش قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئىشنى ياخشى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك».
ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبىرى شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ ئىستىل مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئۇرغۇلۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق ھادىسىلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، قەيەردە ئەمەل تۇتسا شۇ يەرگە بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» «مەسىلىنى مۇرەككەپ دەپ تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك! زىددىيەتنى گەۋدىلىك دەپ ئەگىپ ماڭىدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك! تەرەققىياتتا ئارقىدا قالدۇق دەپ ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك!»
بەزى كادىرلاردىكى «ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلاش» پىسخىكىسىنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟
كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىلىق قۇرۇلۇش.
تەشكىلات تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ئىلمىي بولغان كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بايراق روشەن ھالدا ئۈنۈم يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەزى كادىرلاردىكى «جەرياننىلا باشقۇرۇپ، نەتىجىسى بىلەن كارى بولماسلىق» «قىلغان بولسىلا ياخشى قىلدىم دەپ قاراش»تەك ئىللەتلەرنى تۈگىتىش زۆرۈر.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان ئادىمىيەت كەيپىياتى يارىتىش زۆرۈر، مەسىلەن، كادىرلارنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەسىنى كەچتە ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بىلەن ئەمەس، بەلكى خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن ئۆلچەش كېرەك.
ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان خاتالىقنى سىغدۇرۇش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش زۆرۈر.
كەڭ كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان «بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش» ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش زۆرۈر. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەزەلدىن بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ھەرىكەتنى سۆزدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۆگىنىش ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن ناھايىتى چىڭ تۇتۇلۇۋاتىدۇ، لېكىن ئاخىرىدا «ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۆگىنىش مەقسىتىگە ھەقىقىي يەتكىلى بولىدۇ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتمەسلىك، بىلىدىغانلىرىنى ئەمەلدە كۆرسەتمەسلىك، بىلىش بىلەن قىلىش بىردەك بولماسلىققا بولمايدۇ.
دەھشەتلىك دولقۇندا قەھرىمانلىق خىسلىتى نامايان بولىدۇ. ھازىر، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا، كەڭ كادىرلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلاش» پىسخىكىسىنى دەۋرنىڭ جىددىي ئېقىنىغا تاشلىۋېتىشى زۆرۈر، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يۇقىرى ئۈنۈمدە تۈرتكە بولغىلى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى قالتىس پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ!
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)