«داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى»
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى باشلىنىدۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر جيا چۇنشيانىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
سەنئەت پەسلىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا دائىملىق، ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىنىڭ باش تېمىسى «ئانار گۈلى ئېچىلىپ، ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، يەر- جاھاندا شادلىق ناخشىسى ياڭراپ جۇڭخۇا جۇلالاندى»، ئومۇملاشتۇرۇش نامى «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى» بولۇپ، خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرىنى تاللاش، كۆرەك، سەييارە ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى خەلق ئىچى ئەدەبىيات- سەنئەت ھەۋەسكارلىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمەكلىرى، كەسپىي ئەدەبىيات- سەنئەت ئورنى، ئۆمەكلىرى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ، ئاساسىي قاتلام ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى يەنىمۇ بېيىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق ئىچى سەنئىتى ئويۇن قويۇش چاسا ئەترىتى سەييارە ئويۇنىدا 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى جەمئىي 53 خەلق ئىچى سەنئىتى ئۆمىكىدىكى تەخمىنەن 1700 خەلق ئىچى سەنئىتى ئارتىسى تەشكىللىنىپ، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. خەلق ئىچى سەنئىتى كۆرىكىدە نۇرغۇن ئويۇن نومۇرى يۇغۇرۇلۇپ رېپېتىتسىيە قىلىنىپ، كۈنىگە تۆت مەيدان قېتىملىق ئۆلچەم بويىچە ئۈرۈمچىدە زال سىرتى كۆرىكى ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئويۇن قويۇش چاسا ئەترەتلىرى شىنجاڭدىكى جايلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا بېرىپ سەييارە ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىنىدۇ. مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئىتى نومۇرلىرى كۆرىكىگە دۆلەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ئورنى، ئۆمەكلىرى، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ 20 مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئىتى نومۇرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، 8- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە ئارقا- ئارقىدىن قويۇلىدۇ.
داڭلىق ماركىلىق سەييارە ئويۇن قويۇش، كۆرەك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە يەنە مەملىكەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسى ھەم شىنجاڭ ئەدەبىي تالانت يىغىنى، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش، شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار يىغىلىشى، باش تېمىلىق «كاتتا مەرىكە»، دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلق ئىچى سەنئىتى داڭلىق ماركىلىرى ئامما ھۇزۇرلىنالايدىغان، قاتنىشالايدىغان، ھېس قىلالايدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان شەكىللەردە ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىدە شىخەنزە شەھىرىدە بىڭتۇەن مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى 11 خەلق ئىچى سەنئىتى ۋە كۆپلىگەن خاس خەلق ئىچى سەنئىتى ئويۇنى چاسا ئەترىتى بىر سەھنىدە سەييارە ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئالغان، بىڭتۇەن خاسلىقى يۇغۇرۇلغان خەلق ئىچى سەنئىتى ئەسەرلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى يەنىمۇ بېيىتىلىدۇ.
نۆۋەتتە، بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)