خوۋ خۇي
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيادىكى تەنتەربىيە مەستانىلىرىنىڭ تەنتەنىسى ۋە قىيالماسلىق ھېسسىياتى ئىچىدە ئاياغلاشتى. بۇ، يەرشارىۋى تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىدىغان سەھنىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئومۇمىي خەلقنىڭ تەنتەربىيە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدىغان، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت، تېخىمۇ مۇھىمى «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى» «ساغلام جۇڭگو» مۇساپىسىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.
«تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتىدىن ساغلام جۇڭگوغىچە، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، خەلقنىڭ تەن ساپاسى، خەلقنىڭ بەختى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تومۇرداش»، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: «زامانىۋىلىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ يەنىلا خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بۇ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى» دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىمۇ: «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياش- ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەنتەربىيە ھەم دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يول، خەلقنىڭ ساغلام، بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدىكى چاقناپ تۇرغان بىر مەرۋايىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەنتەربىيە ساھەسىدە ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ئادىمىيەت ئەنئەنىسىگە، ئۈستۈنلۈككە ئىگە تەنتەربىيە تۈرلىرىگە، مەسىلەن، بوكس، ئوقيا ئېتىش قاتارلىقلارغا تايىنىپ، تۈركۈم- تۈركۈم مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دۆلەت ئىچى ھەتتا خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. مەسىلەن، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىشتىن ئىبارەت كۈچ ۋە چىدامچانلىقنى سىنايدىغان بۇ تەنھەرىكەت تۈرى ئاز سانلىق مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە جان تىكىپ ئېلىشىشىنى نامايان قىلدى؛ قىز قۇۋار رومانتىكىلىققا تولغان ۋە قىزىقارلىق بولۇپ، خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىدىكى بىر ئۆزگىچە مەنزىرە بولۇپ قالدى. قويۇق مىللەت خاسلىقىغا ئىگە بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاز سانلىق مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى شىنجاڭدىمۇ نامايان بولدى. ھۆكۈمەت سېلىنمىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئاممىنى قولايلىق چېنىقىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. شەھەرلەردىكى باغچىلاردىن يېزا- كەنتلەردىكى مەيدانلارغىچە، ھەممىلا يەردە كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 2024- يىلى «كەنت BA» مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن شىنجاڭ قاغىلىق كوماندىسى دەل ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئىپادىسى.
ھالبۇكى، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە سىجىل گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يەنىلا بوشاشماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، «بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تەنتەربىيە مائارىپ ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان قويۇق قىزىقىشى ۋە پۇختا ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تەنتەربىيە ئىشلىرى زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ۋە يىغىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، زامانىۋى پەن- تېخنىكىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، تەنتەربىيە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان- سارايلىرى ۋە خاسلاشقان تەنھەرىكەت لايىھەلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ «بار بولۇش»تىن «ئەلا بولۇش»قا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقى يېپيېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى. «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى» «ساغلام جۇڭگو» ئۇلۇغۋار پىلانى ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىغا تەققەززامىز.