پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە
جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 40 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدالغا ئېرىشتى
چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 8- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر خې لېيجىڭ) 8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى جوۋ جىنچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز 1984- يىلى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئومۇميۈزلۈك قاتناشقاندىن بۇيانقى چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
جوۋ جىنچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 404 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، جەمئىي 30 چوڭ تۈر، 42 تارماق تۈر، 232 كىچىك تۈردە مۇسابىقىلىشىپ، 11 چوڭ تۈر، 14 تارماق تۈردە 40 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدال ئېلىپ، جەمئىي 91 مېدالغا ئېرىشتى. ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى ۋە سۈپىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، 40 ئالتۇن مېدال لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 39 ئالتۇن مېدال، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 38 ئالتۇن مېدالدىن ئېشىپ كەتتى. ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى 60قا يېتىپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بىلەن تەڭلەشتى. بۇنىڭدىن باشقا، قارىغا ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىدە بىر تۈردە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، توققۇز تۈر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتى ياراتتى.
«ئەگەر مۇسابىقىگە قاتنىشىش نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىر سۆزگە يىغىنچاقلىساق، ئۇ دەل <بۆسۈش>تۇر.» جوۋ جىنچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان تۈر سانى، ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى ۋە سۈپىتى، ئالتۇن مېدال ئالغان تۈرلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسى، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيەلەپ يەتكۈزگەن ئۆلكىلەرنىڭ سانى قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
جوۋ جىنچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئالتە چوڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرىدە جەمئىي 27 ئالتۇن مېدال قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانىنىڭ %67.5ىنى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرلىرىدە ئۇزاق مۇددەت بۇرچ- مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش، تۈر قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئىلمىي، ئىنچىكە مەشىق قىلىش، سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى تولۇق نامايان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە بىرقەدەر بالدۇر باشلانغان يېڭىدىن گۈللەنگەن تۈرلەردە تېز ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىندى، بۇ، مۇشۇ دەۋرىيلىك ئىچىدە ئىجتىمائىيلاشقان، بازارلاشقان تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ياش- ئۆسمۈرلەر توپى ئارىسىدا ئىختىساسلىقلار كەڭ كۆلەمدە قېزىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە، خاسلاشقان مەشىقلەندۈرۈپ تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.