جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 33- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسى
00:08:14 2024-08-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى:

 33- نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بۇرچنى يەردە قويماي، باتۇرلۇق بىلەن 40 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدال قولغا كەلتۈرۈپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان- شەرەپ كەلتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

 بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سىلەر باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى ۋە ئولىمپىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ئالتۇن مېدالى، خىسلەت ئالتۇن مېدالى، پاكىز ئالتۇن مېدال ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، قەيسەر ئىستىل، يۈكسەك ماھارەت بىلەن جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتىڭلار، تەنتەربىيە سېپىدىكى ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار. سىلەر «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك − تېخىمۇ ئىتتىپاق» بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېكمەتلىك سۆزىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن ئادىل رىقابەتلىشىپ، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماھارىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا جۇڭگو كۈچى ۋە جۇڭگو قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار، جۇڭگو ساداسى ۋە جۇڭگو روھىنى تارقاتتىڭلار. سىلەرنىڭ ئەلا نەتىجەڭلەر ۋە قالتىس ئىپادەڭلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىن ھېسسىياتىنى قوزغاتتى، مىللەت روھىنى ئۇرغۇتتى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

 سىلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ياش- ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتمەكتە!

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

 گوۋۇيۈەن

 2024- يىلى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125