− پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ خېڭجى، ۋاڭ چۇنيەن
8- ئاينىڭ 11- كۈنى، لى ۋېنۋېن تىرېنېرى ۋۇ مېيجىننى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ 81 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقە مەيدانىنىڭ مەركىزىگە يۈگۈرۈپ بارغاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر تەنتەنە قىلىشتى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇن مېدالى − 40- ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.
پارىژدىكى 16 كۈندە، 404 نەپەر جۇڭخۇا تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئارقا- ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئارقا- ئارقىدىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجە جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى- سىرتىدا، ئۇلار ۋەتەننى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئارزۇغا دادىل ئىنتىلدى؛ ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇراتتى، ئۆزىگە ئىشىنەتتى، مەردانە ئىدى، روھى قىياپىتى جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ ئىدى؛ ئۇلار دوستلۇقنى يەتكۈزدى ۋە دوست تۇتتى، شۇنداقلا يامان غەرەزدىكى ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇدۇل قايتۇرما زەربە بەردى. ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدالنى تالىشىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار دۇنياغا يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى.
40 ئالتۇن مېدال! چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يارىتىش
7- ئاينىڭ 27- كۈنى، شاتورۇ قارىغا ئېتىش مەركىزىدە، 17 ياشلىق خۇاڭ يۈتىڭ بىلەن 19 ياشلىق شېڭ لىخاۋ جۇڭگو قارىغا ئېتىش كوماندىسىنىڭ «تۇنجى ئالتۇن مېدال ئەنئەنىسى»نى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «تۇنجى پاي ئوق»نى ئاتتى، شۇنداقلا قارىغا ئېتىش كوماندىسى 5 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 3 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يارىتىپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
7- ئاينىڭ 31- كۈنى، رادفانس تەنتەربىيە سارىيىدا، 19 ياشلىق پەن جەنلې 46 سېكۇنت 40 دەقىقە بىلەن ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان ئىزچىل «دەسلەپ قىلمىغان» جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىكنى يوقاتتى. تۆت كۈندىن كېيىن، ئۇ 20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە يەنە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلاپ ئۈزۈشتە ھەيران قالارلىق بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەرلەرنىڭ 100 * 4 مېتىرغا ئارىلاش كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تۈردىكى 40 يىلغا سوزۇلغان مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
8- ئاينىڭ 3- كۈنى، رولاند گارروس توپ مەيدانىدا ئىزچىل جاپالىق جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن جېڭ چىنۋېن تارىخ يارىتىپ، تېننىس توپ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېننىس توپ يەككە ئويناش تۈرىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن جۇڭگو ماھىرى بولۇپ قالدى.
...
جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا 40 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانىدا 2- ئورۇندا تۇردى، رەت تەرتىپتە 1- ئورۇندا تۇرغان ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە تەڭلەشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نەتىجىسى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 39 ئالتۇن مېدالدىن ئېشىپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يېڭىلىدى؛ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى 60قا يەتتى، شۇنداقلا چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن تەڭلەشتى. قارىغا ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىدە، جۇڭگو كوماندىسى جەمئىي بىر تۈردە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، توققۇز تۈردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتىنى ياراتتى.
پارىژدا، جۇڭگو تەنتەربىيەسى ئابىدە خاراكتېرلىك پەيتنى كۈتۈۋالدى. 8- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسى كوللېكتىپ چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى 300- ئالتۇن مېدالنى ئېلىپ بەردى. 1984- يىلى شۈ خەيفېڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشلاپ، جۇڭگو تەنتەربىيەسى 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىر ئالتۇن مېدال ئېلىشتىن 300 ئالتۇن مېدال ئېلىشقا ئۆتۈشتەك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
يېڭى تارىخنىڭ يارىتىلىشىدا بىرقانچە «كوزىر قوشۇن»نىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. قارىغا ئېتىش كوماندىسى ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقاندىن باشقا، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 8 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسىمۇ 5 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسىدىن ئالتە ئادەم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 5 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى... ئالتە چوڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈردە جەمئىي 27 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانىنىڭ %67.5ىنى ئىگىلىدى.
يېڭى بۆسۈش ئارقا- ئارقىدىن نامايان بولدى. جۇڭگو ئاياللار بوكس كوماندىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ باقمىغانىدى، پارىژدا بەش ئادەم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، باتۇرلۇق بىلەن 3 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو شەكىل چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، كوللېكتىپ ۋە قوش كىشىلىك تۈردە 2 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو بەدىئىي گىمناستىكا كوماندىسى، جۇڭگو ئەركىن كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت كوماندىسىمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى...
دادىللىق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگو ئۈلگىسىنى تىكلەش
17 ياشلىق خۇاڭ يۈتىڭ بىلەن 19 ياشلىق شېڭ لىخاۋ قول تۇتۇشۇپ تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ توردىكى مەقسەتسىزلا قويغان ئىسمى «ئاتياۋجيې»، «گەنفەنگې» ناھايىتى تېزلا توردا داڭ چىقاردى، شېڭ لىخاۋنى «<تاماق يەپ>لا چېمپىيون بولدى» دېيىش قىزىق پاراڭغا ئايلاندى.
«2000- يىللار»دا تۇغۇلغانلارنى ئاساس قىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس قىياپەتتە ناھايىتى جانلىق، ھەقىقىي، ئەركىن قويۇۋەتكەن ھالەتتە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىجەزى ئوچۇق- يورۇق، قىزىقارلىق گەپ قىلىدىغان «e» خاراكتېردىكىلەر، يەنە ئىچ مىجەز، كەمتەر، ئەدەپلىك «i» خاراكتىردىكىلەرمۇ بار، لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ، كۆزلىرىدىكى ئۈمىد ئۇچقۇنى ئوخشاش.
8- ئاينىڭ 11- كۈنى 12 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن جېڭ خاۋخاۋ بۇ قېتىمقى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ماھىر. ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن «كىچىك ھەدەش» ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ تېيىلىش مەيدانىدا «ناھايىتى خۇشال ئوينىدى». يالغۇز ئۇلا ئەمەس، 14 ياشلىق سۈي چېنشىمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئىنتايىن پەلسەپىۋىلىككە ئىگە راست گەپنى قىلدى: «يېڭىلىپ قېلىش نورمال ئەھۋال، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يېڭىلىپ قالىمىز.» جېڭ خاۋخاۋ يازلىق تەتىلدە «ۋاقىت چىقىرىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم» دېگەندە، پۈتۈن توردا «باشقىلارنىڭ بالىسى» كۈچەپ تارقىتىلدى.
جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ ئەرلەر كوللېكتىپ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشقان «ئالتە ئالتۇن مېدال شاھى» ما لۇڭ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ماھىر بولۇپ قالدى. كەمتەرلىك، داۋراڭ سېلىشنى ياقتۇرماسلىق بۇ 35 ياشلىق پېشقەدەم ماھىرنىڭ خاراكتېر بەلگىسى. ئولىمپىك كەنتىدە، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى- سىرتىدا بەزىلەر ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئىمزا قويدۇردى، ئەمما ھىندىستان كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ۋاڭ خاۋنى يانداپ ئۆتۈپ ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكچى بولغاندا، ما لۇڭ رەقىبىگە ئاۋۋال تىرېنېر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى قائىدە- يوسۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى توردا ئۇنى ياخشى باھاغا ئېرىشتۈردى.
يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگو تەنتەربىيە ئۈلگىلىرىنىڭ چوقۇم ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىشى شەرت ئەمەس، جۇڭگولۇقلار پەن جەنلې، جېڭ چىنۋېن، ما لۇڭ، چۈەن خۇڭچەنلەرگە ئالقىش ياڭرىتىش بىلەن بىللە، دادىللىق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلگەن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىگە ئالقىش ياڭراتتى.
جۇڭگو ئاياللار زەيتۇن توپ كوماندىسى رەقىبىنى ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە يېڭىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى؛ جۇڭگو ئاياللار دوگۇر توپ كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىدىن تەستە چىققان پايدىسىز ئەھۋالدا، كۈچلۈك رەقىبىنى يەڭدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلار دۇنيادا 1- ئورۇندا تۇرىدىغان گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان 23 مېتىر ئارىلىقتىن توپ ئۇرۇشقىچە جەڭ قىلدى، گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شەرەپ ھېس قىلدى؛ جاڭ يۈفېي قىزىتىپ قېلىش ۋە فىزىيولوگىيەلىك مەزگىلدە تۇرۇشتەك قوش قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ھەمدە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەن- ئىشلەتمىگەنلىكنى تەكرار تەكشۈرۈش ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، 1 كۈمۈش مېدال، 5 مىس مېدالنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى؛ بۇ قېتىم يېڭىلىپ قالغان ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونى شى جىيۇڭ يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 50 نەچچە يىڭنىلىق ھىملاپ داۋالاش قىلدى، ھەر كۈنى ئىشلەتكەن ئوكۇلنى يىغسا بەش لىتىرلىق ئىچىملىك تۇڭى لىق تولاتتى...
ماھارەتنى مەنبە قىلدى، ماھارەتتىن ھالقىدى، ئۇلار ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۈلگىسى.
ئۆزىگە ئىشىنىش، ئېچىۋېتىش، جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىش
تەنتەربىيە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سۇپا. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولسا ئەڭ چوڭ سەھنە.
جېڭ چىنۋېننىڭ رولاند گارروستىكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىسى خۇددى پۈتۈن يەرشارىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشاپ قالدى، باش پېرسوناژ جېڭ چىنۋېن جۇڭگوغا تولۇق ۋەكىللىك قىلدى.
ئۇدا ئىككى مەيدان ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق كەسكىن جەڭ قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشقان بۇ خۇبېيلىق قىز: «بەك ھېرىپ كەتتىم، لېكىن دۆلىتىم ئۈچۈن يەنە ئۈچ سائەت جەڭ قىلالايمەن» دېدى.
جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسى ئەمەلىي كۈچى بىلەن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ داۋاملىق تۆھمەت قىلىشىنى، قارا چاپلىشىنى «كاچاتلىدى». پەن جەنلې پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر كىچىك نىشان تىكلىگەن: «20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ئەرلەرنىڭ ئارىلاش كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۆزۈمگە نۆۋەت كەلگەندە 46 سېكۇنتتا ئۈزۈپ بولۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن!» بۇ تۈز مىجەزلىك ئوغۇل بالا دېگىنىنى قىلىپ، 45 سېكۇنت 92 دەقىقىدە، گۇمانلانغۇچىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى.
مەيداندا غەيرەت قىلدى، مەيدان سىرتىدا مەردانە بولدى. تەن خەيياڭ ئۆزىنىڭ ئەرلەرنىڭ 100 * 4 مېتىرغا ئارىلاش ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى بۆلەكلەر بويىچە ئۈزۈش نەتىجىسىدىن رازى بولمىغاندا، پەن جەنلې مۇنداق دېدى: «بىز چېمپىيون! رازى بولمىغىنى باشقا ئادەم بولۇشى كېرەك.» جاڭ يۈفېي روھلاندۇرۇش دورىسى مەسىلىسىنى يامان غەرەزدە كۆپتۈرگەن چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇردى: «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى سۇنى تېز ئۈزسە گۇمانلىنىشقا ئۇچرايدۇ؟ ئامېرىكىلىق پېلپىس، لېدېكىي شۇنچە يامان تۇرسا، سىلەر نېمىشقا گۇمانلانمايسىلەر؟!»
يامان غەرەز ئالدىدا، ئۆتكۈر قايتۇرما زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلدى؛ ياخشى غەرەز ئالدىدا، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇردى.
پەي توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە 2- لىككە ئېرىشكۈچى تۇرىدىغان مۇكاپات سەھنىسىدە، خې بىڭجياۋ ئىزچىل قولىدىكى ئىسپانىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىزنىكىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، خې بىڭجياۋنىڭ رىقابەتچىسى، ئىسپانىيە ماھىرى مارىن يارىلىنىپ يېرىم يولدا مۇسابىقىدىن چېكىنگەنىدى، خې بىڭجياۋ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان «كىچىككىنە ئەمما گۈزەل ھۆرمىتى»نى مۇكاپات سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. بۇ ھەرىكەت كەڭ ماختاشقا سازاۋەر بولدى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا خې بىڭجياۋنىڭ قولىدا ئىزناك تۇتۇپ تۇرغان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى ھەم مۇنداق باھا بەردى: «مانا بۇ ئولىمپىك قىممەت قارىشىنىڭ ئەھمىيىتى».
مەيداندا رەقىب، مەيدان سىرتىدا دوست بولدى، بارغانسېرى ئېچىلىۋاتقان جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى- سىرتىدا كەڭ دائىرىدە دوست تۇتتى، دوستلۇق يەتكۈزدى.
ئاياللارنىڭ ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، چېن يىۋېن ئەڭ ئېگىز مۇكاپات سەھنىسىگە چىقتى، ئوڭ- سول تەرىپىدىكى 2- بولغان ئاۋسترالىيە ماھىرى جىنى ۋە 3- بولغان چاڭ يانى «گىگانت چولپان»نىڭ سەھنىگە چىققانلىقىنى قارشى ئېلىش ھەرىكىتىنى قىلدى. جىنى مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قىز خۇددى مېنىڭ ئاچا- سىڭىللىرىمغا ئوخشايدۇ». ئەنگلىيەلىك سۇغا سەكرەش ماھىرى سىپېندولىنى سىرىئېش جۇڭگو تىلىدىكى «سىرداش» «سىڭىل» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ چۇەن خۇڭچەننى چاقىردى، ئۇلار ئادەتتىمۇ تورغا چىقىپ «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك» ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2000- يىللاردا تۇغۇلغانلار ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالدى. يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگو تەنتەربىيەچىسى سۈپىتىدە، دەۋر ئۇلارنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ بىمالال نەزەر سالىدىغان قىياپىتىنى ياراتتى، ۋەتەن ئۇلارغا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تەمكىن ئاساس بېغىشلىدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ پۈتۈن يەرشارى دىققەت قىلىدىغان چوڭ سەھنىدە، ئۇلارنىڭ نامايان قىلغىنى پەقەت جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ ئوبرازىلا ئەمەس.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 8- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)