ما شىڭرۇي قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلار ۋە تۇمشۇق شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
19:01:46 2024-08-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دىققەتنى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا سىجىل كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ،

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

 8- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ۋانادىي، تىتان، ماگنىت، تۆمۈر رۇدىسى كان رايونىدا بايلىقنىڭ تارقىلىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئېچىشقا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، قېزىش، تاللاش، تاۋلاش ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپى ۋە بايلىق ئېچىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى


 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتى ۋە تۇمشۇق شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە بايلىقى، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈردى.

 8- ئاينىڭ 14- كۈنى، ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۇمشۇق شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىگە كېلىپ، ئېتىز باشلىرى، زاۋۇت- كارخانىلار، كەسىپلەر باغچە رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 بىڭتۇەن 3- شى 44- تۇەنى كېۋەزنى «قۇرۇق تېرىپ ئاز- ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، شورنى تۆۋەنلىتىش، تۈپنى كۆپەيتىش، سۇ تېجەشتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر كېۋەزنىڭ راسا غوزىلاش مەزگىلى، ما شىڭرۇي بۇ تۇەننىڭ 20- ليەنىدىكى پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كىرىپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېۋەز ئۆستۈرۈش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەننىڭ ئەۋزەللىكى، خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېڭى تېخنىكىلارنى ئەمەلىي قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي تۇمشۇق ئىسسىقلىق ئېلېكتىر شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، سېخلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كەسىپ تىرىكىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى؛ كارخانىلارغا كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى ساقلاشنى تاپىلىدى. تۇمشۇقتا، ما شىڭرۇي شىنجاڭ سىياسىي- قانۇن شۆيۈەنىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئالىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 مارالبېشى ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي ئېچىشنى تېزلىتىۋاتقان ۋانادىي، تىتان، ماگنىت، تۆمۈر رۇدىسى كېنى كان رايونىغا كېلىپ، بايلىقنىڭ تارقىلىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئېچىشقا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، قېزىش، تاللاش، تاۋلاش ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپى ۋە بايلىق ئېچىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم كان تاللاش رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كۆزدىن كەچۈردى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كارخانىلارنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم يول. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى» ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، يېشىل كانچىلىقنى تىرىشىپ كۆلەملەشتۈرۈش، كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. زور كۈچ بىلەن زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشتىن تەدرىجىي ئىنچىكە پىششىقلاشقا كېڭىيىپ، رايون تۈۋرۈك كەسپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ جىيۈن بوياقچىلىق- توقۇمىچىلىق پەن- تېخنىكا شىركىتىگە كىرگەندە، ما شىڭرۇي توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق سېخىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇلى ۋە نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى پۈتۈن زەنجىردىكى ئاجىز ھالقىلارغا سىجىل كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئاخىرقى ئۇچقا ئۇزارتىشنى تېزلىتىپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىنى پائال ئېچىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە مارالبېشى ناھىيەسىدە شورلۇق يەرلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بۇ جاينىڭ شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۇزلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىلمىي ئىزدىنىپ، تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي تاڭۋاڭچېڭ خارابىسىنى قوغداش، قېزىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قوغداش، ئېچىش، پايدىلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، خارابىلەر ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك.

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى، كۈيتۈن شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلاشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ۋە نارات خۇامېي شېڭدى ئىندىگو مېھمانساراي توپى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەنى نىشان قىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت- ساياھەتتە خوت يۆتكەپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەلىپىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەمىنلەشنى بېيىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتتىق تىرىكى ۋە يۇمشاق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇشقا سىجىل كۈچ چىقىرىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممەت زەنجىرىنى يۈكسەلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قېزىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، كۈچەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش يولىنى پائال كېڭەيتىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ، «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

 باتۇ، ياڭ شيۇلى ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125