ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن كۆرۈشتى
18:56:02 2024-08-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن كۆرۈشتى

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 8- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن پادىشاھ سىخامونىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- كامبودژا دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورتاق بەرپا قىلغان، كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن جۇڭگو- كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- كامبودژا مۇناسىۋىتى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى. ھازىر بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوم−مۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كامبودژانىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى مۇقىم قەدەمدە تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى. بىز ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى دەرىجە- قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كەسىپ، سودا، سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «جۇڭگو- كامبودژا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستانە ئالاقىلىشىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

 سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا- جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قېرىنداشلارچە جانجىگەر دوستلۇقى بار، بۇنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئورناتقان بولۇپ، بۈگۈنگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. جۇڭگو شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ قېتىمقى زىيارەتنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كامبودژا بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ بېرىش- كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كامبودژا- جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 كامبودژا خان سارىيىدىكى ئالاقىدار خادىملار، كامبودژانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125