ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
19:08:53 2024-08-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى 

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، جاۋاب خېتى، تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

 ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى ھەم ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم جاۋاب خېتى، تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ نەتىجىلەرنى باھالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار كەسپىي باشقۇرۇش تارماقلىرى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش- پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قىزىل مىڭئۆي، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى، كىروران قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مۇھىم مىراسلارنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق مۇزېي قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنى پۈتتۈرۈپ ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسلىي يۇرتى نىڭبودىكى شياڭگاڭلىق كارخانىچىلار، شيامېن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلىرى، خۇبېي شىيەن دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرى رايونىدىكى مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتى ھەم 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنى قوللاش كېرەك؛ ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق تۈگۈن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» قاتارلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك؛ دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىش- تۈزەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزىشى كېرەك. خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تۈزىتىش- تۈزەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئامما، كارخانىلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ساھە خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەر قاتارلىقلارغا چىڭ قادىلىپ قويۇۋەتمەي، سىجىل ھەل قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ نەتىجىلەرنى باھالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى باھالاشنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي، ئىخچام، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئېنىق قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، باھالاشنىڭ «قوماندانلىق تايىقى»لىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملار قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قىلىپ، دىققەتنى دۆلەت كارخانىلىرى تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى سىستېمىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن دۆلەت كارخانىلىرى رەھبىرىي خادىملار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە تېخىمۇ ياخشى مەركەزلەشتۈرۈشى، يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125