تۇرپاندا ئۈزۈم بايرىمى باشلاندى
10:37:42 2024-08-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سارىنا)«بەك قالتىس بولدى، بەك ھاياجانلاندىم! بۇ مېنىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئويۇنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم» دېدى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچتە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئاھالىسى ياڭ ياڭ ھاياجانلانغان ھالدا. شۇ كۈنى كەچ سائەت 10لاردا، رەڭگارەڭ چىراغلار ئىدىقۇت رايونى ساياھەت- مەدەنىيەت مەيدانىنى زىننەتلەپ تۇراتتى. «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى» 30- نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى بۇ يەردە داغدۇغىلىق باشلاندى.

 باشلىنىش مۇراسىمى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا نۇر ئارقىلىق سايە چۈشۈرۈش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى ئارقىلىق «ئۈزۈم شەھىرىنى يورۇتۇش» ئىچىدە باشلاندى، 1000 دانە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ تەرتىپلىك تىزىلغان بولۇپ، قىسقىغىنا ئون مىنۇتتا سەپ تۈزۈپ ئون نەچچە خىل شەكىل چىقىرىپ، كۆرۈرمەنلەرگە ھەيران قالارلىق كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ساليۇت كۆرگەزمىسى، سوقما چالغۇلار ئويۇنى، ئۇسسۇللۇق ناخشا، ئۈزۈم باش تېمىسىدىكى مودا كىيىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار كەينى- كەينىدىن ئورۇنلاندى.

 بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمىدا «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى» باش تېما قىلىنىپ، تۆت تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدە پائالىيىتى، 18 تۈرلۈك يۈرۈشلۈك پائالىيەت تەسىس قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئوت يۇرتىدا ئۇچرىشىش . شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈش» كاتتا سەييارە ساياھەت پائالىيىتى تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمىدىن كېيىنكى 2- قېتىملىق چوڭ سەييارە ساياھەت بولۇپ، سەييارە ساياھەت ئاپتوموبىل ئەترىتى تۇرپاننىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان ئۈزۈمى، قۇرۇق ئۈزۈم، ئۈزۈم ھارىقى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق «تۇرپان سوۋغىلىرى»نى تېتىپ كۆرۈش، كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش پائالىيىتى، «شېرىن كاتتا زىياپەت» تۇرپان مەززىلىك تائاملار ئىجادىيەت مۇسابىقىسى، 2024- يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» ئالتە دۆلەت بوكس شاھى چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى (تۇرپان بېكىتى)، تۇرپان تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتى ھېس قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئېسىل پائالىيەت بىر- بىرلەپ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۈزۈم بايرىمى تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەھسۇلات كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش، ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلىرى، يېڭى نەتىجىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق مەركەزلىك نامايان قىلىنىشى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، كەسىپ ھالىتىنىڭ تەمىنلەش كۈچى، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125