شىن شىجيەن
«مول- رەڭدار، تارىخى ئۇزاق، خەلق بەختىيار»، 8- ئاينىڭ 13- كۈنى، تۈركىيە خارىجى خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى تاراتقۇسىنىڭ باش مۇھەررىرى تۇڭكۇ ئاككوچ شىنجاڭ سەپىرىنى ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن سۈپەتلىدى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىغا كەلگەندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى قاينام- تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە ئۇنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى، «شىنجاڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، كەلگۈسى تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى ئۇ ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ.
بۇنداق ھاياجانلىق سۆزلەرنى قىلغانلار بىرنەچچىلا كىشى ئەمەس، نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستانە زاتلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى، ئالايلى، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئەنگلىيە «يۇلتۇز ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەلقئارا مۇھەررىرى روگېر مايكېنزى مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ھەرگىزمۇ تاشقى دۇنيادا تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق ئەمەس ئىكەن، مېنىڭ كۆرگىنىم جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بىر جاي.» ئوخشاشلا كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى بارستوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى پائول كورتنېي مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن تولىمۇ ھەيران قالدىم، تەرەققىياتىنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» تاسادىپىيلىق ھېس قىلىش، ھەيران قېلىش... بۇ، چەت ئەللىك نۇرغۇن كىشىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىنكى ئورتاق تەسىراتى ئىدى.
نېمە ئۈچۈن ئۇلار كۆرگەن شىنجاڭنىڭ تەسىراتىدىكى شىنجاڭ بىلەن پەرقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟ پائول كورتنېي مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىلگىرى شىنجاڭنى ئىنتايىن قالاق، دەپ قارايتتىم، چۈنكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇنداق خەۋەر قىلىناتتى.» ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەرب تاراتقۇلىرى سىياسىي مۇددىئا، ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ، نۇرغۇن ساختا مەزمۇنلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ شىنجاڭغا بوھتان چاپلىدى ۋە شىنجاڭنى خۇنۈكلەشتۈرمەكچى بولدى، يامان غەرەزدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېتىبارسىز قاراپ ۋە ئۇنى بۇرمىلاپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى قارىشىنى خاتا يېتەكلىدى. بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسىي كۈچلەر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، شىنجاڭ قانچە ياخشى تەرەققىي قىلسا، ئۇلار شۇنچە بوھتان چاپلىدى، قارا سۈركىدى، خۇددى روگېر مايكېنزى ئېيتقاندەك: «مۇبادا بەزى ئىشلار ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، ئۇنداقتا خاتا، دەپ قارىدى».
شىنجاڭ زادى قانداق؟ مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. نۇرغۇن خەلقئارالىق زات، تاراتقۇ مۇخبىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارى قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشى شىنجاڭغا قارىتا ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي تونۇشقا ئىگە بولدى، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا شىنجاڭ ئامېرىكا ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، دەپ قارىدى. نۇرغۇن خەلقئارالىق زات جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن «ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپتۇ» «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنىپتۇ» «دىنىي ئېتىقاد ئەركىن ئىكەن» دەپ ئوبيېكتىپ باھا بەردى. تۈركىيە «نۇر گېزىتى»نىڭ باش دىرېكتورى تۇنچ ئاكوچى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىم غەرب تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلغان ئەھۋالنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىكەن»، شىنجاڭدا مۇقىم، ئىناق، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان مەنزىرىنى كۆردۈم.
شىنجاڭ زادى قانداق؟ چىن يۈرەكتىن ھېس قىلغىنى ھەقىقىي بولىدۇ. يېقىندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدا ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم چەت ئەللىكلەر توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى، ئۇلار بىردەك «بۇ يەر جەلپكارلىققا تولغان» دېگەن ھېسسىياتقا كەلگەنىدى. سەككىز يىل ئىلگىرى شىنجاڭدا كىنو ئىشلىگەن بىرازىلىيە سان پاۋلو داشۆسىنىڭ ياش رېژىسسورى پېدرو نىسسى بۇ يىل يەنە بىر كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈشنى، شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلايمەن.» 2014- يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئوساما مۇھەممەت ئۆزىگە «جىن شەن» دەپ جۇڭگوچە ئىسىم قويغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ناھايىتى راھەتلىكىنى ھېس قىلدىم».
شىنجاڭ سەمىمىي، ئوچۇق- ئاشكارا بولدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئاشۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن «قۇسۇر ئىزدەيدىغان» كۆز قاراشلاردىن قىلچە قورقماي، تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپ تەكلىپ قىلغان نەچچە مىڭ چەت ئەللىك مېھماننىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش- زىيارەتتە بولغانلىقى بولسۇن، ياكى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى خەۋەر قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىش بولسۇن، ياكى خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قارشى ئېلىش بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ دۇنيانى باغاشلايدىغان ئىشەنچى ۋە جاسارىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
شىنجاڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولدى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئۆتكەنكى 10 يىلدا، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2013- يىلىدىكى 840 مىليارد يۈەندىن 2023- يىلىدىكى 1 تىرىليون 910 مىليارد يۈەنگە كۆپەيدى؛ ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2013- يىلىدىكى 13 مىڭ 700 يۈەندىن 2023- يىلىدىكى 28 مىڭ 900 يۈەنگە كۆپەيدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا شەھەرلەردىكى زامانىۋى مودا ھەممىگە ئايان، يېزىلاردىكى پەن- تېخنىكا تۈسى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ، يان تېلېفون بىلەن چارۋا بېقىش، ئاپتوماتىك ھەيدەپ ئۇرۇق سېلىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ئېتىزلارنى ئارىلاش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى؛ ئارزۇغا ئىنتىلگەن ياشلار كەڭ دالىدا قابىلىيىتىنى نامايان قىلماقتا، ئارتىس دىلرابا دىلمۇرات، ۋاسكېتبولچى ئابدۇسالام ئابدۇرېشىتنىڭ سالاپىتىنى دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ھەممىسى بىلدى، تور يازغۇچىسى ئىلتەمىر پەرھات پۈتۈن مەملىكەت ئەدەبىيات سەھنىسىدە ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى؛ شەھەرلەردىكى چوڭ- كىچىك مەيدانلاردا پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار خۇشال- خۇرام ھالدا ھەر مىللەت ئۇسسۇلىنى ئوينىماقتا... مەيلى كۆزنى چاقنىتىدىغان سانلىق مەلۇتلار بولسۇن، ياكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىسى بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ جانلىق دەلىلى.
مۇشۇنداق ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇقىم، گۈللەنگەن جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ «سىناق»لىرىدىن ئۆتەلەيدۇ. گۇمان ۋە خاتا چۈشەنچىلەر ئالدىدا، شىنجاڭ پولاتتەك پاكىت ئارقىلىق سوزلىدى، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ھەممەيلەن شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇكى، شىنجاڭ ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلماقتا، ئۆزىگە ئىشىنىش داۋامىدا پورەكلەپ ئېچىلماقتا. كۆزىگە سۈزگۈچلۈك ئەينەك تاقىمىغان، كۆڭلىدە بىر تەرەپلىمە قاراش بولمىغان ھەرقانداق كىشى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوقۇۋاتقان تومۇرىنى ھېس قىلالايدۇ، شىنجاڭنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تۈرلۈك تۈمەن ئۆزگىرىشلىرىنى، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ھېس قىلالايدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە نامايان بولۇپ تۇرغان جەلپكارلىق ۋە قالتىسلىقنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.