«20- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت- ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 1- قىسمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
09:30:31 2024-08-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «20- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت- ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 1- قىسمى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت- ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

 «20- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت- ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 1- قىسمىغا 2022- يىلى 10- ئايدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن تارتىپ 2024- يىلى 3- ئايدا 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى يېپىلغىچە بولغان بۇ مەزگىلدىكى مۇھىم ھۆججەت- ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 75 پارچە، تەخمىنەن 620 مىڭ خەت. بۇنىڭ ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسى 33 پارچە، مەركىزىي كومىتېتتىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ماقالىسى 18 پارچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى 24 پارچە. 19 پارچە مۇھىم ھۆججەت- ئەسەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

 بۇ مۇھىم ھۆججەت- ئەسەرلەردىن تاللانمىدا، مۇشۇ مەزگىلدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-، 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىبىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادتا قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدەك ئۇلۇغ مۇساپە ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن؛ مۇشۇ مەزگىلدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ- ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش، پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېمۇكراتىيەسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيەسى، چىقارغان مۇھىم تەدبىرى، قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ياراتقان يېڭى تەجرىبىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ پارتىيە يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم سىياسىي نەتىجە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلانغان.

 «20- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت- ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 1- قىسمىنىڭ نەشر قىلىنىشى پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى جاسارەت بىلەن ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125