شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 8- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ خېڭجى) مۇخبىر 8- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپتىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ۋېكتور . جۇڭگو پەي توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە جياڭسۇ چاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيا پەي توپ بىرلەشمىسى سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېكىتىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى 1000 مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر 23 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 277 تەنھەرىكەتچى تىزىمغا ئالدۇردى، جۇڭگو كوماندىسى 35 كىشىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ.
جۇڭگو پەي توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى دۇنيا پەي توپ بىرلەشمىسى سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ تۆت بېكىتىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى 1000 مۇسابىقىسىنىڭ بىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى 1000 مۇسابىقىسى سەييارە مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىسى بولۇپ، دۇنيا پەي توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى سىستېمىسىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردىنلا كېيىن تۇرىدۇ. جۇڭگو پەي توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى كېيىنكى يېرىم يىلدىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى 1000 مۇسابىقە بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (بىر ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 7.14 يۈەن خەلق پۇلى) بولىدۇ. پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر، ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپيون بولغان دانىيە ماھىرى ئەن سەيلۇڭ بىلەن كورىيە ماھىرى ئەن شىيىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)