ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى
12:01:03 2024-08-20 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈن شەھىرىدىن 13نى بېكىتتى، رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىدىن 16نى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

 ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى

 يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى»نى تەتقىق قىلىپ بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويۇپ، 13 ئەشيا ئوبوروت تۈگۈن شەھىرىنى رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالغان شەھەر (شەھەر توپى) قىلىشنى بېكىتتى، رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگىنىدىن 16نى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

 ئاپتونوم رايون رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى كۈچەيتىش، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ تىجارەت تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىدى.

 بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ ئەسلىھە ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. تۈگۈنلۈك رولىنى ئۈستىگە ئالغان شەھەرلەرنىڭ ھازىرقى ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى ۋە يۈك تىرانسپورت مەيدان- پونكىتلىرى، تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قاتارلىق ساقلانما مىقدار ئەسلىھە بايلىق مەنبەسىگە تايىنىپ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى پىلانلىشىغا مەدەت بېرىلدى. ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى بىلەن ئۇنىۋېرسال يۈك تىرانسپورت تۈگۈنى، ئايرودۇرۇم، تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت مەيدان- پونكىتلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئەشيا ئوبوروت يانداش ئەسلىھەلىرى ۋە توپلاش- تارقاقلاشتۇرۇش- توشۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى.

 ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەھەتتە، ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىگە تايىنىلىپ، جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇلدى. ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ۋە غۇلجا، تۇرپان، قەشقەر ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاممىۋى تىپتىكى مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلدى. دۆلەت ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي رايونى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن قولتۇق رايونى ۋە چېڭدۇ- چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروت يولى تورىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كۈچەيتىلدى. تۈگۈن تورىغا تايىنىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدە «بىر پونكىت شەكلىدىكى» كۆپ خىل بىرلەشمە ترانسپورت مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى ئېچىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى تورى بەرپا قىلىندى، راۋانلاشتۇرۇلدى.

 ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى تىجارىتىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئەشيا ئوبوروتى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تۈگۈن تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ «نۇقتىدىن نۇقتىغا» رايون ھالقىغان تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئېچىشىغا مەدەت بېرىلدى. قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى ساقلاش- توشۇش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، پورت تىپىدىكى ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باجدىن خالىي ئارىلاش كان مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. تۈگۈن تىجارەت سۇبيېكتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھەمكارلىق تۈگۈنى بەرپا قىلىندى.

 ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، تۈگۈننىڭ ئەشيا ئوبوروتى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئەنئەنىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، تۈگۈندە گاز قاچىلاش پونكىتى، باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ھىدروگېن قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق يېشىل قاتناش ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلدى. ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى تۈگۈنلەرنىڭ رايونلار ئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى بويىچە ئامباردا ساقلاش، توشۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىلىپ، سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ «كەسىپ توپى + ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى»نى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە مەدەت بېرىلدى.

 شىنجاڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم قۇرۇقلۇق يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ قۇرۇقلۇق خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يولى ۋە رايون ئەشيا ئوبوروت تورى بەرپا قىلىش، دۆلەتنىڭ تايانچ ئەشيا ئوبوروت تورىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، بۇ، رايون ئىچىدە ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

 ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مۇناسىپ ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈگۈن ئىچىدىكى زور ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىدۇ. 2025- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىدۇ.

 بۇلتۇر جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىندى. گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئايروپورت ئەتراپى ئىقتىسادى رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى. ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125