ما شىڭرۇي دەنماشى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن ۋېنشىڭ بىلەن كۆرۈشتى
19:02:49 2024-08-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

8- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە جۇڭگو شىنجاڭغا تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىنگاپور دەنماشى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن ۋېنشىڭ، باش ئىجرائىيە باشلىقى، قوشۇمچە ئىجرائىيە مۇدىرى دىلان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 8- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو شىنجاڭغا تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىنگاپور دەنماشى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن ۋېنشىڭ، باش ئىجرائىيە باشلىقى، قوشۇمچە ئىجرائىيە مۇدىرى دىلان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن لىن ۋېنشىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ بېرىپ، بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا تېز تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ بىز ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلدۇق. ھازىر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. شىنجاڭنىڭ دەنماشى شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈشىدە، دەنماشى شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازارلىرىنى كېڭەيتىشىدە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. دەنماشى شىركىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سېلىنما، تىجارەت، باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان يېڭى ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 لىن ۋېنشىڭ، دىلان مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇق. دەنماشى شىركىتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى يادرولۇق ئىدىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى يەرشارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ ئېگىزلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. دەنماشى شىركىتى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ سېلىنما ھەمكارلىقى پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، جىن جىجېن، دەنماشى شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125