8- ئاينىڭ 19- كۈنى، تاماشىبىنلار «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر . ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى «يىپەك يولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . جەلپكار قەشقەر» كۆرگەزمە رايونىدا ئايلانغاندا، خۇددى زامان- ماكان تونىلىدىن ئۆتكەندەك، ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقتىن تارىخنىڭ ھىدى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇچقۇنلىرى تارقىلىپ تۇراتتى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇللىرى شەندۇڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى ھەم مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئارقا- ئارقىدىن نامايان قىلىنىپ، رەڭدار مەدەنىيەت ئۇزۇن يۆگىمىسى ھاسىل قىلىندى.
8- ئاينىڭ 19- كۈنى، تاماشىبىنلار «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»، «يىپەك يولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . جەلپكار قەشقەر» كۆرگەزمە رايونىدا ئەتلەستىن تىكىلگەن ئاپتاپلىق شىلەپە سېتىۋالماقتا.
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، تاماشىبىنلار «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»، «يىپەك يولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . جەلپكار قەشقەر» كۆرگەزمە رايونىدا قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە.
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، تاماشىبىنلار «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»، «يىپەك يولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . جەلپكار قەشقەر» كۆرگەزمە رايونىدىكى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يايما ئورنىدا مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرمەكتە.
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، تاماشىبىنلار «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»، «يىپەك يولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . جەلپكار قەشقەر» كۆرگەزمە رايونىدا تاجىك مىللىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان بۈركۈت ئۇسسۇلىنى كۆرمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)