پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
18:33:44 2024-08-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

 ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، بىزنىڭ گۇڭئەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ساقچى ئىشلىرى ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساقچى ئىشلىرى تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تىرەك قىلىپ، گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ گۇڭئەن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر گۇڭئەن خىزمىتىگە قارىتا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى مۇساپىدىكى گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق راۋاجلاندۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ساقچىلارغا غەمخورلۇق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گۇڭئەن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «پىچاق دەستىسى»نىڭ باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گۇڭئەن ئورگانلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىنى سىياسىي، ئىدىيە، تەشكىلىي جەھەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە سىڭدۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، دەل جايىدا زەربە بېرىش ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش، مەنبەدىن تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن- تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى- تاشقى نازارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ساقچىلارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ساقچى قوشۇنىنى كۈچەيتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى سۈپەتلىك گۇڭئەن جەڭگىۋار كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈش ۋە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى تۇتۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە ساقچى ئىشلىرى يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان گۇڭئەن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك قاتتىق چەكلەش بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. كەسپىي قابىلىيەت بويىچە مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ چوڭ مەشىقىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، ئاممىۋى خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدار سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى تولۇق سەپلەپ ۋە كۈچلۈك سەپلەپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. گۇڭئەن خىزمىتىگە بولغان ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى كۈچەيتىپ، گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، گۇڭئەن خىزمىتىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ساقچىلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ساقچىلىرى شەرەپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۇڭئەن قوشۇنىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش، قاراشنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى، ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپىگە توغرىلىنىپ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت گۇڭئەن خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك گۇڭئەن ئورگانلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك گۇڭئەن جەڭگىۋار كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان گۇڭئەن قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي- قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125