داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا
18:41:06 2024-08-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى باشلاندى

ما شىڭرۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

سۈن يېلى، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ سۆز قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، سەنئەت كاتتا زىياپىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش. 8- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە، «ئانارگۈلى ئېچىلىپ ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، يەر-  جاھاندا شادلىق ناخشىسى ياڭراپ جۇڭخۇا جۇلالاندى» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جىڭۋېي ما شىڭرۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

 مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر سۈن يېلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 بۇ يىلدىن باشلاپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرىنى تاللاش، كۆرەك، سەييارە ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەت خەلق ئىچى سەنئىتى ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ قوشىدۇ. سەنئەت پەسلى ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان نامى «داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا».

 تۈن پەردىسى ئاستىدىكى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە رەڭگارەڭ پانۇسلار يېنىپ، رەڭگارەڭ نۇرلار چاقناپ، شاد- خۇراملىق كەيپىياتى تولۇپ تاشتى.

 تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى قالتىس خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ئىچىدە باشلاندى.

 چۇڭچىڭ تۇڭلياڭنىڭ ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شاڭخەي فېڭشيەننىڭ دومىلىما پانۇسى، لياۋنىڭ خەيچېڭنىڭ ياغاچ ئاياغ ئويۇنى، شەنشى خېڭشەننىڭ بەلدۇمبىقى، يۈننەن دېخۇڭنىڭ مۇناۋ زۇڭگې ناخشىسى، چىڭخەي يۈشۇنىڭ يىۋۇ ئۇسسۇلى، ئەنخۇينىڭ خۇاگۇ پانۇسى... پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن كەلگەن خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمەكلىرى تەرتىپ بويىچە سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويدى، ئۇلارنىڭ نادىر نومۇرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

 دارۋازلىق، دولان ئۇسسۇلى، كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇلى، سەنەم، قارا جورغا، ساۋۇردىڭ... شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرى قالتىس ئورۇنلىنىپ كىشىلەرنى مەپتۇن قىلدى.

 بۇ نۆۋەتلىك خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى باشلىنىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، تەشكىلىي كومىتېت يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇنەۋۋەر سەھنە نومۇرلىرىنى شىنجاڭدا قويۇشقا تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئالاقىدار مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ساياھەت مەنزىرە رايونى لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇش، ئېسىل تائاملار بازىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يانداشتۇرۇپ ئۆتكۈزىدۇ. خەلق ئىچى سەنئەت نومۇرلىرى كۆرىكىدە خەلق ئىچى مۇزىكىسى، خەلق ئىچى ئۇسسۇلى، خەلق ئىچى ئەلنەغمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈر تاللىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىدا بارلىققا كەلگەن مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئەت ئەسەرلىرى نۇقتىلىق ھالدا پىششىقلىنىپ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

 باشلىنىش مۇراسىمى شادىيانە «داپ چېلىنىپ ئېيتىلدى ناخشا» بىلەن ئاخىرلاشتى، بارلىق سەنئەتكارلار چاسا سەپ بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، نەق مەيداننى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

 مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر راۋ چۈەن ۋە ئالاقىدار يولداشلار؛ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 ۋاڭ جيەنشىن رىياسەتچىلىك قىلدى. قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەر ساھەدىكى ئىلغارلار ۋەكىللىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125