جياڭشى ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى
18:58:52 2024-08-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي، يې جيەنچۇن، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى يې جيەنچۇن جياڭشى ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 8- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ) 8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، جياڭشى ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچىدە جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى يې جيەنچۇن بىلەن كۆرۈشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭ بىلەن جياڭشىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، جياڭشى ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جياڭشى ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسى دىققەتنى «ئالدىدا مېڭىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش» نىشان، تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ ئېگىزلىك» بەرپا قىلىش، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيە»نى يولغا قويۇشتا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جياڭشى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتى. يېڭى مۇساپىدە، جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن جياڭشىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەريانىدا بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە، مۇھىم قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىشى ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

 يې جيەنچۇن جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جياڭشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. جياڭشى كونا ئىنقىلابىي رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن- ئاخىر يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى «بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، تىرىشىپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ھەم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن سىجىل جياڭشى كۈچى قوشتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، 9- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ھەمدە بۇلتۇرقى جياڭشى بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، دىققەتنى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جياڭشىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستى ھەم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تولۇق ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى جياڭشى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى − قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەتقىقات ئورنى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئاممىۋى ئەمەلىي مەشىق بازىسى، ئاقتۇ ناھىيەسى جىڭگاڭشەن يەسلىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈردى، قىزىلسۇ جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى يېڭى دوختۇرخانا تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، نەنكاڭ ئۆي جاھازلىرى داڭلىق ماركا سارىيى، شىنجاڭ شىنلىلەي چامادان چەكلىك شىركىتى، ئاقتۇ ناھىيەسى جىنخاڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە زىيارەتتە بولدى، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى شىڭخۇايۈەن مەھەللىسى، قۇم كەنتى مەرۋايىتگۈل پارنىكى ۋە بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى، شىنجاڭدىكى جياڭشىلىق كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

 جياڭشى ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن رېن جۇفېڭ، لو شياۋيۈن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، مەردان مۇقىيىت، كۇڭ شىڭلۇڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125