يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋە ئاپتونوم رايون ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى
19:47:33 2024-08-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋە ئاپتونوم رايون ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى

مۇھىم پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

8- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»دىكى كۇرسانتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 8- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»دىكى كۇرسانتلار بىلەن پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش، يېڭى تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ رۇيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى» مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن چىڭخۇا داشۆ ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئۇيۇشتۇرغان تەربىيەلەش پائالىيىتى بولۇپ، ئالدىنقى بەش قارارلىق يېتىشتۈرۈش پىلانىدىكى 140 كۇرسانت بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

 يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن پۇقراۋى كارخانىچىلارغا شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى تونۇشتۇردى. ۋەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۇ ۋېيدىڭ، يىۋېن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شيا خۇا، شەندۇڭ ۋۇجېڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ ۋېيدۇڭ، يۆشىڭ گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى دىڭ زوخۇڭ، خېيلۇڭجياڭ فېيخې سۈتچىلىكىنىڭ باش مۇدىرى لېڭ يوۋبىن، تيەنخې يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ جىفەن، خېشېڭ كىرېمنىي كەسپىنىڭ باش دىرېكتورى لو يېدۇڭ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن، خەيتيەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى فېي گۇڭچۈەن، يوۋكېدېنىڭ باش مۇدىرى جى شىنخۇا قاتارلىق پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىش ئاكتىپ ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ما شىڭرۇي كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ كەلگەن مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، چىڭخۇا داشۆ ھەم ھەرقايسى كارخانىچىلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى كەڭ تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى- ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاش- ئېچىش ۋە زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش قاتارلىق چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى. كەڭ كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭدىكى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتىلغان سىياسەت مەدىتى ۋە مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭدا خاتىرجەم مەبلەغ سېلىشى، كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىشى، كۆڭلى توق تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ، كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 ۋاڭ رۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»دىكى كۇرسانتلار بىلەن بىللە شىنجاڭغا كېلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى كۈچلۈك ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدىم. ھازىر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاكتىپ بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش بوشلۇقى كەڭ. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، كەسىپ تۈرلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال سىڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپەيتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

 مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، چىڭخۇا داشۆدىكى ئالاقىدار يولداشلار، پۇقراۋى كارخانىچى كۇرسانتلار ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن ھەم مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى، جەمئىيەتلىرى، كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125