ما شىڭرۇي ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
19:55:50 2024-08-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

8- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي  ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 8- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نەزەرىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شيې يۈجىن بىلەن چوڭقۇر دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشى، پارتىيەڭلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە مىللەت، دىن قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى چۈشىنىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە بېرىش- كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا باش شۇجى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى جانلىق نامايان قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. ھازىر شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پىلانلاپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتماقتا. بىز ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

 شيې يۈجىن ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رۇەن خۇڭشەن مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگوغا كېلىپ تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تاللاپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدۇق. بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، ئاساسلىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىنى ئىدارە قىلىش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە- ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدۇق. شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئىجادىي تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا تىلەكداشمىز. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سېلىنما ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىيېتنام- جۇڭگو دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125