ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن) «سەھنىگە چىقىپ بىرلىكتە قازاق مىللىتىنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان دوستلار بارمۇ؟» رىياسەتچىنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، تاماشىبىنلارنىڭ بەزىلىرى چەبدەسلىك بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ئارتىسلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، مۇزىكا رىتىمىغا ئەگەشتى، سەھنىدىكى تاماشىبىنلار بىلەن ئارتىسلار بىرلىكتە غۇلىچىنى كېرىپ، رىتىملىق قەدەم ئېلىپ، ئىشەنچكە تولغان تەبەسسۇم بىلەن بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈردى، مەيدان ئىنتايىن جانلىنىپ شاد- خۇراملىققا چۆمدى.
8- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئون كۈن داۋاملىشىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنىڭ «باش تېمىلىق كاتتا مەرىكە» پائالىيىتى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
«باش تېمىلىق كاتتا مەرىكە» پائالىيىتى «ئانار گۈلى ئېچىلىپ ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، يەر- جاھاندا شادلىق ناخشىسى ياڭراپ جۇڭخۇا جۇلالاندى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم «باش تېمىلىق كاتتا مەرىكە» شەكلىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ، بۇ پائالىيەت ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۇسسۇل «كاتتا مەرىكىسى»، مۇزىكا «كاتتا مەرىكىسى»، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى «كاتتا مەرىكىسى»، تەنھەرىكەت «كاتتا مەرىكىسى»، توي ئۆرپ- ئادىتى «كاتتا مەرىكىسى»دىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە نومۇرلىرى تاللىنىپ، خەلق ئىچى مەدەنىيەت سەنئەت خاسلىقى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ.
پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئالدى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان ئۇسسۇل «كاتتا مەرىكىسى» پائالىيىتىگە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن جەمئىي 18 خەلق ئىچى ئۇسسۇل ئەترىتى قاتناشقان بولۇپ، كەسپىي سەۋىيەلىك ئۇسسۇل ئارتىسلىرى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىلەردىن كەلگەن ئىشتىن سىرتقى ئۇسسۇلچىلار، ھەم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىمۇ بار.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئارتىسلار چىرايلىق مىللەتلەر كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىپ، زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقاپ، شادىيانە مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان زامانىۋى ئۇسسۇلدىن گۈزەل، نەپىس مىللەتلەر ئۇسسۇلىغىچە، يەنە رايون خاسلىقىغا باي خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئۇسسۇللىرىغىچە، ئارتىسلار يۇقىرى ئۇسسۇل ماھارىتى ۋە ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىپ، رەڭدار خەلق ئىچى ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى جانلىق ئىزاھلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جۇڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇسسۇل «كاتتا مەرىكىسى» پائالىيىتىدە خەلق ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل ئەترەتلىرى، مەيدان ئۇسسۇلى ئۆمەكلىرىنى تاللاش ئارقىلىق، ئاممىنى خەلق ئىچى سەنئىتى كاتتا مەرىكىسىدە ئۆزىگە تەۋە سەھنىگە ئىگە قىلدۇق، ئامما پائالىيەتنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى بولدى.
ھەمتۈرتكىلىك بەسلىشىپ ئۇسسۇل ئويناش ھالقىسىدا، رايون خاراكتېرلىك ۋە مىللەتلەر ئۇسلۇبىغا ئىگە مىللەتلەر مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى ئۇسسۇللىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە، كۆرەك قىلىندى، كەسپىي بولغان قازاق مىللىتى ئارتىسلىرى، رۇس مىللىتى ئارتىسلىرى، تاجىك مىللىتى ئارتىسلىرى نەق مەيداندا ئۇسسۇل ئۆگەتتى.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق(يېڭى شەھەر رايونلۇق) مەدەنىيەت سارىيىنىڭ خادىمى زاھىدە يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگەنگىلى بولىدىكەن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا تېخىمۇ ئىشەنچىم بار.
كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر بىر «باش تېمىلىق كاتتا مەرىكە» پائالىيىتىنىڭ ھەممىسىدە ئامما قاتنىشىدىغان ھەمتۈرتكە ھالقىسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما خەلق ئىچى سەنئىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ شاد- خۇراملىققا چۆمىدۇ.