ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش
10:43:23 2024-08-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

 ئىسلاھاتتا يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش شىجائىتىمىز تولۇپ تاشتى، جەڭ دۇمبىقىنى چېلىپ يەنە سەپەرگە ئاتلاندۇق.

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنى تېزدىن تەشكىللىدى، 8- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئومۇمىي يىغىن روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى.

 ئورتاق تونۇش لېكسىيە سۆزلەش داۋامىدا مۇجەسسەملەندى، ئىدىيە ئۆگىنىش داۋامىدا يۈكسەلدى. تارىم دەرياسى ۋادىسىدىن ئالتاي تېغى ئېتىكىگىچە، ئورگان، ئورۇنلاردىن كارخانا، باغچە رايونلارغىچە، ئېتىز باشلىرىدىن شەھەر، يېزا، مەھەللىلەرگىچە.... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشەندۈردى، ھەم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما بىلەن يۈزتۇرا، ھەمتۈرتكە شەكلىدە سۆھبەتلىشىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا تولۇق يەتكۈزۈلۈشىگە، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

 ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە جەمئىي 15 مەيدان مەركەزلىك لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرخىل شەكىلدىكى ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلەشتىن 14 مەيدان ئۆتكۈزدى، بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىلار ھەم شۆبە مەيداندا ئاڭلىغۇچىلار 100 مىڭ ئادەمدىن ئاشتى.

ئەتراپلىق تەشكىللەش

لېكسىيە سۆزلەش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاش

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىي ساپاسى ياخشى، نەزەرىيە سەۋىيەسى يۇقىرى، لېكسىيە سۆزلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم تايانچ كۈچنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تەشكىللىدى.

 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايون پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاشنى تەكىتلىدى. ئاممىغا يېقىن، قىزغىنلىق ئۇرغۇتۇلغان، قەلبلەر مۇجەسسەملەنگەن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تېزدىن قانات يايدى. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جانلىق مىسال كەلتۈرۈش، مۇپەسسەل يىغىنچاقلاش، جانلىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېملىق تونۇشتۇردى، ھەم دىققەتنى نۇقتىلىق تەرەپلەر، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك چۈشەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش

ئومۇمىي يىغىن روھىدىن ئېنىق ۋەئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلەش

 ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشتە ئاچقۇچ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشتا.

 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى.

 لېكسىيە سۆزلەش نەق مەيدانىدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى. يىغىن مەيدانى ئىچى- سىرتىدا غەيرەت- شىجائەتكە تولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ئۇرغۇدى.

 «تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» قاراماي رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى فەن چىيۇڭ چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قاراماي رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈردە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمەن.

 ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار مەخسۇس مەيدان لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىدا لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئىزاھلىدى.

 سەھنىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆزلىدى، تۆۋەندىكىلەر ئەستايىدىل ئاڭلىدى. «لېكسىيە دوكلاتىدا نەزەر دائىرە كەڭ، باش تېما روشەن بوپتۇ، بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ روھلاندىم.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ 1- دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى خۇ جياڭبو لېكسىيە مەزمۇنى تولۇق يېزىلغان خاتىرە دەپتىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان قاتناش- تىرانسپورت ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشىمەن.

 ئالىي مەكتەپلەر ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بازا. 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، قەشقەر داشۆنىڭ شىنچۈەن مەكتەپ رايونىدا سۆھبەتلىشىش- پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سىياسىي سۆزلەر، نەزەرىيەۋى سۆزلەرنى ياشلارنىڭ سۆزى، تۇرمۇش سۆزىگە ئايلاندۇرۇپ، يىغىنغا قاتناشقان كادىرلار، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن لېكسىيە باش تېمىسىنى چۆرىدەپ كەڭ- كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى.

 «ئومۇمىي يىغىن بىز ياش بىر ئەۋلادقا يېڭى تارىخىي بۇرچ يۈكلىدى، مەن سىجىل تۈردە كەسپىي بىلىملەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىمەن» دېدى قەشقەر داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇ جيەنشىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش

ئومۇمىي يىغىن روھىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا تولۇق يەتكۈزۈش

 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ئۆيىدە پات- پات ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بۇ جايغا كېلىپ ئومۇمىي يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى ھەم ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

 سالىقجان ئىمىن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس، ئۇ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندىكىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

 «يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قانداق تونۇش كېرەك» «ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كۈتۈنۈش كەسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قانداق چۈشىنىش كېرەك»... ئالتاي شەھىرى چياشيۇ يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ شۆدۇ مەھەللىسىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى تەپسىلىي ماتېرىيال، ھەقىقىي تەسىراتى ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى.

 «مەھەللە − ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە.» شۆدۇ مەھەللىسىنىڭ كادىرى شيۇڭ ياڭفېي مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئومۇمىي يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىمەن.

 قومۇل جىنفېڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىدە، ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

 «ئۆگىنىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھات يۆنىلىشى توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدۇم.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ۋۇ يوۋۋېن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

 ...

 ئەتراپلىق، چوڭقۇر لېكسىيەلەر ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەندى، چىن ھېسسىياتقا تولغان ھەمتۈرتكىلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلىدۇق، ئەستە تۇتالىدۇق، كۈچلۈك ئورتاق تۇيغۇغا ئىگە بولدۇق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇمىي يىغىن روھىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125