ئۈرۈمچى «قولاي، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز توك قاچىلىغىلى بولىدىغان شەھەر» قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا مۇنداق كۈچەۋاتىدۇ
15:52:59 2024-08-23 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 بىر قاچا چۆپ يېگەنچىلىك، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچكەنچىلىك ۋاقىتتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا تولۇق توك قاچىلاپ يولغا چىققىلى بولىدۇ − بۇنىڭدەك قولاي، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز توك قاچىلاش دەۋرى بىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا.

 مۇخبىرنىڭ 8- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى «قولاي، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز توك قاچىلىغىلى بولىدىغان شەھەر» قۇرۇشنى تېز ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ «تېز توك قاچىلاش ئازادىلىكى»نى ئىشقا ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.

 بۇ يىل كىرگەندىن ھازىرغىچە، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردىكى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى شىنجاڭ مىنبو يېڭى ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنديەنخۇي يېڭى ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تېز توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىگە ئالاقىدار كارخانىلارنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق 84 ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 811 توك قاچىلاش ئەسلىھەسى قۇردى.

 تېخىمۇ تېز بولغان

 دەرىجىدىن تاشقىرى تېز توك قاچىلاش پونكىتى تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ

 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتى توك قاچىلاش- باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ تەخىرسىز تەلەپلەرنى قويدى، بولۇپمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش تاپانچىسى، تېز توك قاچىلاش تاپانچىسى كۆپ، جانلىق سەپلەنگەن دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىگە بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن جىددىي بولماقتا.

 نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى «دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش + تېز توك قاچىلاش + قولايلىق توك قاچىلاش»تىن ئىبارەت توك قاچىلاش ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تەمىنلەش، ئېھتىياج، مۇلازىمەت»تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش، تېز توك قاچىلاش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تەرتىپلىك توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، توك قاچىلاش قولايلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئېنېرگىيە تولۇقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ.

 شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىغا توك قاچىلاۋاتقان جوۋ ۋېي يىراققا كەتمەي، بىر چەتتە دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشقاچ ساقلاپ تۇردى.

 جوۋ ۋېي مۇنداق دېدى: تەخمىنەن 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ئاپتوموبىلىمغا توك قاچىلاپ بولىمەن.

 توك قاچىلاش پونكىتى ئىچىدىكى 15 قوش تاپانچىلىق توكلىغۇچ ئىككى رەتكە ئايرىلغان بولۇپ، بۇ پونكىتقا يەنە بىر يەككە تاپانچىلىق تېز توكلىغۇچ ۋە بىر يەككە تاپانچىلىق سۇيۇقلۇق بىلەن سوۋۇتۇلىدىغان توكلىغۇچ سەپلەنگەن، بىرلا ۋاقىتتا 30 توك قاچىلاش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سۇيۇقلۇق ئارقىلىق سوۋۇتۇلىدىغان توكلىغۇچنىڭ توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 480 كىلوۋاتقا يېتىدۇ، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بەش مىنۇتتا توك قاچىلاپ، 300 كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە «يورۇقلۇق ساقلاش- توك قاچىلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» توك قاچىلاش پونكىتى بولۇپ، توك قاچىلاش پونكىتىنىڭ لەمپىسىدە يورۇقلۇق ۋولت لەمپىسى بار، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقارغىلى بولىدۇ.

 قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان تەرەپ ئۈرۈمچى جىڭتەي قاتناشقا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ جې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش، توك قاچىلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» توك قاچىلاش پونكىتى، يەنى «يورۇقلۇق ۋولت + ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش + توك قاچىلاش»، توپلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، چوڭ سىغىملىق ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش باتارېيەسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك قاچىلاش قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىشقا مەسئۇل، توكلىغۇچ توك قاچىلاشقا مەسئۇل، ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش بولسا ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

 چۈشتە، مۇخبىر ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يولۇچىلار چۈشۈش سۇپىسى ئەتراپىدىكى توك قاچىلاش پونكىتىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى توك قاچىلاش پونكىتىنىڭ ناھايىتى كەڭرى ئىكەنلىكىنى، نورمىلىق توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 180 كىلوۋات بولغان تۇراقلىق توك ئايرىم گەۋدىلىك توكلىغۇچتا 15 توك قاچىلاش تاپانچىسى بارلىقىنى، بۇ يەرنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى تاكسى شوپۇرلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، يەنە ئاز ساندىكى جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆردى.

 تاكسى شوپۇرى جاۋ جىگاڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتە چۈشتە بۇ يەرگە كېلىپ ئاپتوموبىلىمغا توك قاچىلىغاچ بىردەم ئارام ئالىمەن. ئاپتوموبىلىمغا تۆۋەن بېسىملىق توك بىلەن توك قاچىلاشقا تەخمىنەن 30 مىنۇت كېتىدۇ.

 توك قاچىلاش پونكىتىنى تېپىش ئاسان، توك قاچىلاش تېز، توك قاچىلاپ بولغان ھامان يولغا چىققىلى بولىدۇ، بۇنىڭدەك توك قاچىلاش تەسىراتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ «توك قاچىلاش ئەندىشىسى»، «مۇساپە ئەندىشىسى»نى ئۈنۈملۈك تۈگەتتى. ھازىر ئەڭ تېز بولغاندا 15 مىنۇتتا توك قاچىلايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر قىسىم رايون (ناھىيە)لىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

 تېخىمۇ كۆپ بولغان

 توك قاچىلاش پونكىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى تېخىمۇ كېڭەيدى

 قانداق قىلغاندا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئالدىن بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟

 بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا رايون ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياج يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ نوپۇس زىچلىقى، قاتناش ئېھتىياجى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، توكلىغۇچنىڭ جايلىشىش دائىرىسى ۋە سانى مۇۋاپىق بېكىتىلدى. چوڭ تىپتىكى سودا چەمبىرىكى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىقلار ئەتراپىدىكى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز توك قاچىلاش، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك توك يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىشى تەكشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلدى.

 مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا قۇرۇلۇۋاتقان توك قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، كۆۋرۈك ئاستى، بوش يەر قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپلا قالماي، يەنە قۇرۇلۇش جەريانىدا كۆركەم ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.

 ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى كوئېنلۇن يولى ۋاڭجيالياڭ مېترو بېكىتىنىڭ D چىقىش ئېغىزىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان E قۇياش نۇرى توك قاچىلاش پونكىتىدا شىنجاڭ يىخۇا ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 120 كىلوۋاتلىق تېز توكلىغۇچتىن ئوننى قۇردى، بۇنداق توك قاچىلىغۇچ ئەنئەنىۋى توك قاچىلىغۇچقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنېرگىيە تېجەيدۇ.

 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىسى چېن يۈ مۇنداق دېدى: «ئارام ئېلىش ئۆيىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بار، ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا يەنە ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش جەريانى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدەك توك قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىسى جۇ خۇيجيېنىڭ ئۆيى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋەندا مەيدانى ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ توك قاچىلاش پونكىتىنىڭ قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئەتراپىدا تۆتتىن يەتتىگە كۆپەيگەنلىكىنى بايقىدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چېن يەننىڭ ئۆيى سايباغ رايونى دوستلۇق ئولتۇراق رايونىدا بولۇپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۆۋرۈك ئاستىدىكى توك قاچىلاش پونكىتى ئۇنىڭ توك قاچىلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

 «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2023- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى 2023- يىلى ئاممىۋى توك قاچىلاش ئەسلىھەسىدىن 2100نى، شەخسىي توك قاچىلاش ئەسلىھەسىدىن 15 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتتى؛ 2024- يىلى ئاممىۋى توك قاچىلاش ئەسلىھەسىدىن 2300نى، شەخسىي توك قاچىلاش ئەسلىھەسىدىن 17 مىڭنى كۆپەيتتى؛ 2025- يىلى ئاممىۋى توك قاچىلاش ئەسلىھەسىدىن 2600نى، شەخسىي توك قاچىلاش ئەسلىھەسىدىن 18 مىڭنى كۆپەيتىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125