ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
19:48:52 2024-08-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى 

 گوۋۇيۈەن 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

 مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»نى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 33- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەن 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەم مەركەزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ ھازىرقى ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ۋە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.             

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، خاسلىقىغا قويۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەنتەربىيە بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرىدا تەنتەربىيە بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇپ، پۇتبول ياشلار مەشىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، قار- مۇز، دالا قاتارلىق تەنتەربىيە كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇلازىمەت خىزمىتى تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي تەھلىلى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، گوۋۇيۈەن 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دادىل- ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، سىجىل تۈردە ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشۇرۇلما مىقدارنى كېڭەيتىش، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، شامال ئېلېكتىر قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىش كېرەك. ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، جەمئىيەت ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، دېھقان- چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى پائال تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك.  

 يىغىندا مەركەزنىڭ ھازىرقى ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مۇھىم نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات، ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى سىجىل زورايتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى باشتىن- ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇش، ياخشى ساقلاشقا كۈچەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مەركەزنىڭ «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»سى ۋە مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «بىرقانچە بەلگىلىمە» مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىدىن كېيىنكى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى پارتىيەنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىچكى نىزامى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە» بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش، كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىجرا قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ھەرقايسى لىنىيە، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي ئىرادە ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق «بىرقانچە بەلگىلىمە»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.  

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 10- نۆۋەتلىك 12- ئومۇمىي يىغىننى ئېچىشنى قارار قىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. تەييارلىق خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، زىچ ماسلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125