ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى
20:03:44 2024-08-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى

 ما شىڭرۇي، ۋاڭ چىڭشيەن، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى 

8- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ چىڭشيەن ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ) 8- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ چىڭشيەن بىلەن كۆرۈشۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەنخۇي بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭ تاپشۇرغان «ئۈچ جاي، بىر رايون» بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە كۈچلۈك ئۆلكە» قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، زامانىۋىلاشقان گۈزەل ئەنخۇي قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشتىن- ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، بۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. ھازىر شىنجاڭ دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ بىلەن ئەنخۇي ئىككى جاينىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى بوشلۇقنى كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى ۋە كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىرىش» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىشى ۋە ھەرقايسى دەرىجە- قاتلاملارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ- ئەنخۇينىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

 ۋاڭ چىڭشيەن ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئەنخۇيگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ياردەم قىلىپ سېلىپ بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ياردەم قىلىپ سېلىپ بېرىش ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، خەلقنى بېيىتىش، خاتىرجەم ياشاش شارائىتى يارىتىش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇپ، خوتەن، گۇمىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئەنخۇي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئاساسىدا، مەۋقەنى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئېنېرگىيە بايلىقى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئەنخۇي- شىنجاڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ. 

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، خۇييۆجى، چياچيا، فېڭچاڭتەي توقۇمىچىلىقى، خەيلو قېلىپلاشقان ماتېرىيالى، ۋەنجياڭ ئاپتوموبىلى قاتارلىق كارخانىلارغا كىرىپ، كەسىپ تۈرلىرى ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيدا ۋەكىللەر ئۆمىكى تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. 

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ گاڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125