ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
19:52:13 2024-08-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى

8- ئاينىڭ 24- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى چىڭ كۆزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى چىڭ كۆزلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

 يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بېكىتمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

 يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچى، ۋەزىپىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، پارتىيە تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئومۇمىي يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر، چىقىرىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق قارالدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر» ۋە «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يول، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى شۇكى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

 يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا توغرىلىنىپ، دىققەت شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىقات- تەربىيەسى، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەرلىكنىڭ مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بىر تۈركۈم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ھوقۇق ئىش تۈرلىرىنى بېرىشكە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. نېفىت- تەبىئىي گازنى چارلاش- ئېچىش ۋە زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە «ئون تور»ىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاش كېرەك. مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى قوللاش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: رايونلار ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گىرەلەشمە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. گىرەلەشمە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ گىرەلەشمە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك؛ يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆي- زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېبابەت، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاھىدە ۋەزىپە- مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر قاتارلىقلارغا ئائىت يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلاھاتنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توغرا بولغان ئىسلاھات ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قويۇق كەيپىياتى يارىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا يەنە كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىگە دائىر زور خەۋپ- خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. 3- پەسىلدىكى ئالتۇن مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، سىجىل تۈردە ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتنىڭ ئېشىش ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملاش كېرەك. «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەش، باھالاش، «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئالدىنقى مەزگىللىك پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى!

 يىغىندا ما گوچياڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار؛ ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن قىسمەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان قىسمەن باش ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر؛ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلار، بىڭتۇەن ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلىرىغىچە ئېچىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125