8- ئاينىڭ 24- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تاغ- دەريالاردىن ئېشىپ، نۇرغۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشمۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلاندى، بۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ باش مەسىلە، «قەيەرنى ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلە، «نېمىنى ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە، «قانداق ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلە، «كىم ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتلىك مەسىلە، «كىمنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ، باتۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ھەر تەرەپلىمە خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات پىكىر يولى، تەدبىرلىرى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىش خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش» خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتى ۋە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر» ۋە «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، زىددىيەت قانچە كۆپ، قىيىنچىلىق قانچە زور بولغانسېرى، ئىسلاھات ئۈچۈن شۇنچە كۈچ سەرپ قىلىش، چىقىش يولى تېپىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پائال تۈردە پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا قىيىنچىلىق كۆپ، خىرىس زور، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ؛ شىنجاڭدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش كېرەك. جاپا- مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندىلا، ئاندىن باتۇرلۇق- قەيسەرلىك تېخىمۇ نامايان بولىدۇ. جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ئىلمىي يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقىغا، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بېكىتمىسى»دە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، سىستېمىلىق قاراش سىڭدۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش «ۋەزىپىنامىسى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كەلدى، يەنە ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇلۇغ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق چىقىش يولى تېپىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى!
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)