چىلانتورۇقلار سودا سارايلارغا كىردى، «ئات ساياھىتى»دە خۇشاللىقلار كۆپ بولدى
20:36:58 2024-08-26 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

8- ئاينىڭ 24- كۈنى  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر مېيمېي MM مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ئات ئويۇنى كۆرمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن فوتوسى)

 «تېز قاراڭلار، چىلانتورۇقلار سودا سارايغا كىرىپ بازار ئايلاندى!» 8- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 12:00لەردە ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ ئەيشيا دوستلار چەمبىرىكىگە شۇنداق چىقاردى ھەمدە چىلانتورۇقلارنىڭ سايباغ رايونى مېيمېي MM مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە «ئايلانغان» سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتتى.

 شۇ كۈنى سايباغ رايونى «ئۈرۈمچىدە ئات ساياھىتى» ماركىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تۆت چىلانتورۇق ئايرىم- ئايرىم ھالدا مېيمېي MM مال سېتىۋېلىش مەركىزى ۋە خۇڭسەن MALLغا كىردى، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر چىلانتورۇق بىلەن سۈرەتكە چۈشتى، نەق مەيداندا ئات ئويۇنى كۆرسىتىلدى.

 مېيمېي MM مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىكى پىيادىلەر كارىدورىدا ئاتلار سەپ بولۇپ ماڭدى، ئىككى تەرەپتە 50 مودېل ئەتلەس چىپاۋ كىيىپ ئاتلار بىلەن بىللە ئىلگىرىلىدى، ئۆتكەن- كەچكەن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

 خۇڭسەن MALLدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان «چىلانتورۇق + كارتون cosplay» ھەمتۈرتكە بولۇش كۆرگەزمىسى خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى.

 بۇ يىل ئۈرۈمچىدە چىلانتورۇقلارنىڭ «كۆزنى قاماشتۇرۇپ» كوچا ئايلىنىشى قىزغىن داۋاملاشتى: چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا چىلانتورۇقلار ساياھەتچىلەر بىلەن پات- پات ھەمتۈرتكە بولدى؛ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە چىلانتورۇقلار مەردانە، مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ماڭدى؛ خۇڭسەن مۇنارى ئاستىدا ھەيۋەتلىك چىلانتورۇق چاسا ئەترىتى نامايان بولدى...

 بۇ دەل ئۈرۈمچىنىڭ ئات مەدەنىيىتى ئامىلىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ يولغا قويغان «ئۈرۈمچىدە ئات ساياھىتى» ئۆزگىچە مەدەنىيەت- ساياھەت ماركىسى پائالىيىتىدۇر.

 سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شيې جىنيەن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە سايباغ رايونىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت- ساياھەت تەسىراتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە، چوڭقۇر مەدەنىيەت تارىخى، ئۆزگىچە ئادىمىيەت تەسىراتىنى ھېس قىلدۇرىمىز».

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گەي يۈ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125